ئۇيغۇرلارنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت

خىتايدا چاقىرىلغان ئىككى چوڭ يىغىن جەريانىدا نۇربەكرىنىڭ مۇخپىرلارغا بەرگەن باياناتى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە قىلىنماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-03-10
Share
erkin-ekrem-doklat.JPG ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ
RFA Photo

دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ مۈنخېن شەھرىدە دائىمى كومىتىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە تەبىر بەرگەن ئىدى. ئۇلار ھەمما بىردەك 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى خىتاينىڭ ئۇزۇن يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم ۋە پىلانلىق ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتىگە ئۇيغۇر خەلقى كۆرسەتكەن باسقۇچلۇق رىياكسىيەدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ماقۇللىغان ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىنلا نۇربەكرى بېيجىڭدە مۇخپىرلارغا بايانات بېرىپ، يەنە بىر قېتىم 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەر قانداق قارايدۇ؟

 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى بەزى تېمىلارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئېنىستىتۈتى مۇتىخەسىسى دوتسەنت در. ئەركىن ئەكرەمگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىرلەر (1)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

Anonymous says:
Mar 11, 2010 04:54 AM

تۈرك ئۆزىگە بىرەر چاپان كىيگىدەك پايدا ئالدى،
ئۇيغۇرنىڭ قېپ قالغان سوڭەك جازىسىنىمۇ بىكار قالمىسۇن دەپ سېتىۋەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت