تارىختىكى قانلىق 29 - ماي غۇلجا ۋەقەسى

0:00 / 0:00

29 - ماي غۇلجا ۋەقەسى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1962 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتمەكچى بولغان ئىلىلىقلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قورغاس چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋالغانلىقىغا نارازى بولۇپ، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومغا ئەرز قىلىپ بارغان. لېكىن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقان ئىدى.

بۇ ۋەقەدە زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىدىن 45 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلدى.

ۋەقەدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ چىقىپ كەتكەن بەزى گۇۋاھچىلار ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ياشىماقتا. خەمىت ئەخمەتجان مانا شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللاغا شۇ ۋەقەدە كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ خەمىت ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن قىلغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.