خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلەش بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي ئەدلىيە ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي قانۇنىدىكى ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلەش بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش بەلگىلىمىسى، پات يېقىندا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئالى سوت ئۆتكۈزىۋالىدۇ

خىتاينىڭ ھازىرقى مەۋجۇت قانۇنلىرى بويىچە، ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى سوتلار، ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىكى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىلىرى ئېلان قىلغان ئۆلۈم جازالىرىنى تەدبىقلەش ھوقۇقىغا ئىگە. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلەش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يۇقىرى سوتنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلەش ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلەش ھوقۇقى ئالى سوتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلەش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، ئۆلۈم جازاسىنى كونترول قىلىش رولىنى ئويناپ، ئەدلىيە سېپىدىكى ناھەقچىلىكنى ئازايتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئامېركىدىكى ئۇيغۇر قانۇنچىلارنىڭ بىرى ئابلاجان لەيلى نامان، شەرقىي تۈركىستاندا سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئەھۋالى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارغا قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلى، شەرقىي تۈركىستاندا سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئەھۋالىنىڭ، خىتاي قانۇنىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن ياخشىلىنىش ياسىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت. مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى مەملىكەت بويىچە 726 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 2002 -يىلدىكى مەلۇماتىدا، خىتاي 1060 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان. بىراق، خىتاينىڭ ئىلمىي ساھەسىدىكى ئەربابلار، خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا 55 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان بىردىن- بىر رايون بولۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يىلدا قانچىلىك ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقى خىتاينىڭ دۆلەت سىرى بولۇپ كەلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇئەن، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بۇ يىل 8 - ئايغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 22 بۆلگۈنچى تەشكىلاتنى پاش قىلىپ، 55 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ كىشىلەرنىڭ سوتى مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان، ئۇلارنىڭ ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان.

خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدا، ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قالغان دۆلەتلەردە، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى شۇ دۆلەتتىكى ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلكىدە بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. (ئەركىن)