خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
2004.12.20
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى 17 - دېكابىر كۈنى مۇدىرىيەت يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينى پارچىلاش يولىدىكى ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتكەرگە قارشى " بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇن تەكلىپ لايىھىسى" چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرىيەت يىغىنى " بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇن تەكلىپ لايىھىسى" نى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 - دېكابىردىن 29 - دېكابىرغىچە، بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان 13 - نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇشنى قارار قىلغان. مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتسە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2005 - يىلى 3 - ئايدا چاقىرىلىدىغان مەملىكەتلىك يىغىنىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.
تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار مەقسەت قىلىنغان
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىشدىكى مەقسىدى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولغا مېڭىشىنى كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش ھەرىكىتىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش، دەپ كۆرسەتمەكتە.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنىڭ ئۇيغۇر ، تىبەت ياكى تەيۋەنلىكلەرگە قارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. مەزكۇر قانۇن دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنى چىقىرىپ، تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش كۈنتەرتىپىنى بېكىتىش ھەققىدىكى تەكلىپلەرگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولۇشى مۇمكىن. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدىكى مەملىكەتلىك يىغىنىدا بەزى ۋەكىللەر، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنى چىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بۇ يىل 5 - ئايدا ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلغاندا، ئەنگىلىيىدىكى بېيجىڭپەرەس خىتاي مۇھاجىرلارنىڭ ۋەكىللىرى يۇقىرىقى تەكلىپنى بەرگەن. ۋېن جياباۋ، خىتاي مۇھاجىرلارنىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق ھەر قانداق تەكلىپىنى ئەستايىدىل ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" نىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىش دائىرىسى، نوقۇل تەيۋەن بىلەن چەكلەنمەيدىكەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار، بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرىغا قانۇنى ئاساس يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسى
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر قانۇن لاھىيىسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىم سېيتوف، مەزكۇر قانۇن خىتاينىڭ پارچىلىنىش خەۋپىي ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
بېرىتانىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن - تۈزۈم كومىتېتىنىڭ مەسۇلى، مەزكۇر قانۇننىڭ خوڭكوڭ بىلەن ئاۋمېننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەننىڭ ئىنكاسى
مەزكۇر قانۇن تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ دەرھال ئىنكاسىنى قوزغىغان. تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتىتېنىڭ باشلىقى ۋۇ جاۋشى جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنى جىددى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، " بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەيۋەنگە قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشقا قانۇنى ئاساس يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ۋۇ جاۋشى مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي كومپارتىيىسى قانۇن چىقىرىشتىن ئىبارەت بىر تەرەپلىمىلىك ئۇرۇنۇشلار ئارقىلىق كەلگۈسىدە تەيۋەننى قوراللىق بېسىۋېلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆزگەرتىشنىڭ قانۇنى جەھەتتىكى باھاناسىنى يارىتىشقا ئۇرۇنماقتا." ۋۇ جاۋشى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەركىتى تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئىكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكا: ھازىرچە بىرنېمە دېيىش قىيىن
شۇ كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر قانۇن ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رېچارد باۋچېر، بۇ قانۇن ھەققىدە ھازىرچە بىر نېمە دىيىشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. رېچارد بوچېر مۇنداق دەيدۇ: " بىز بۇ قانۇن ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى مەتبۇئاتلاردىن ئاڭلىدۇق. بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى قانۇننىڭ مەزمۇنىنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتى بولمىغانلىقتىن، بۇ ھەقتە ھازىرچە بىر نېمە دېيىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق بىز تەيۋەن بوغۇزى ھەر ئىككى قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھالەتنى ھەربىي كۈچ بىلەن بىر تەرەپمىلىك ھالدا ئۆزگەرتىشىنى خالىمايمىز."
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن 2000 - يىلى 5 - ئايدا ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن بېرى، بېيجىڭ بىلەن تەيبېينىڭ مۇناسۋىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى. چېن شۇيبيەننىڭ تەيۋەن ئاساسى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى پىلانى، بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكېرت قەدىمى دەپ قارالغان. (ئەركىن)