خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسى ئىشلەمدۇ؟


2005.09.09
turdi-emet.jpg
تۇردى ئەمەت ئاكىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن قىزى مەريەمنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرى ( رەسىمنى شۆھرەت سەيدەھمەت ئەپەندى تەمىنلىگەن)

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە تۇغقان يوقلاپ بارغان ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى شۆھرەت سەيدەھمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەتەندىن قايتىپ بېيجىڭغا كەلگەن چېغىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى دەرۋازىسى ئالدىدا بىر ياشانغان بوۋاينىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن. بوۋاينىڭ ئۇنىڭغا دېيىشىچە، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن قىزى ئۈچۈن، بېيجىڭغا كېلىپ، يۇقىرىلاپ ئەرز سۇنماقچى ئىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت مۇخبىرىمىز مېھرىبان شۆھرەت سەيدەھمەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. شۆھرەت سەيدەھمەت ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى دەرۋازا ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ بوۋاينىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ئىنتايىن چۈشكۈن ئىكەنلىكى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قىزىنىڭ داۋاسىنى قىلىپ 3 قېتىم بېيجىڭغا بارغان بۇ داۋاگەرنىڭ ئىسمىنىڭ تۇردى ئەمەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

شۆھرەت سەيدەھمەت ئەپەندىنى رەسىمگە تارتىپ كەلگەن ئەرزنامىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشىنىڭ قىزى كەنت باشلىقى تۇرغۇن سىدىق، كېرەم جۈمەك، كەنت پارتكوم سېكرىتارى مۇھەممەت ئىسمائىل ۋە كەنت بوغالتىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۆلگەن بولۇپ، بۇ بوۋاي دەرد ئېيتىپ خىتاي مەركىزىي كومىتېتىغا يازغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىغا ئەرز سۇنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇردى ئەمەت ئىسىملىك بۇ بوۋاينىڭ خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا قارىتىپ يازغان ئەرزىدە ئۆزىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك كومپارتىيە سېكرىتارى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيىسى ھاكىمىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "ناھىيە سېكرىتارى بىلەن ناھىيە ھاكىمى جىنايەتچىلەرگە يان بېسىپ، دىلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا توسالغۇلارنى ياراتماقتا" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.