خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" (1)

0:00 / 0:00

1996 – يىلى گېرمانىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى Hérzog زامانىدا، خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا قانۇن – تۈزۈم دىئالوگىغا ئاساس سېلىنغان بولۇپ، 1999 – يىلى گېرمانىيە سابىق باش مىنىستېرى Schrödér بېيجىڭغا زىيارەتكە بارغان چېغىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە 2000 – يىلى "گېرمانىيە – خىتاي قانۇن – تۈزۈم ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى كېلىشىمى" تۈزۈلگەن ئىدى. شۇندىن بۇيان، خىتاينىڭ قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئادىمى گېرمانىيە كېلىپ، قانۇن ساھەسىدىن بىلىم ئاشۇرۇشقا باشلىغان.

ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى خىتايدا ئىزچىل تۈردە يامانلىشىپ بارغان

گېرمانىيە ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيىنىڭ خىتاي قانۇن ئىجراچىلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشىدىكى مەقسەت: تەرەققى قىلغان گېرمانىيىنىڭ ئەن – ئەنىگە ئايلانغان قانۇن – تۈزۈملىرى بىلەن، تەرەققى قىلىۋاتقان خىتاينىڭ قانۇن – تۈزۈملىرى ئارىسىدا ئالاقە ئورنىتىش ھەم خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتىگە ئايلىنىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداشتىن ئىبارەت ئىكەن.

گەرچە بۇ ئالتە يىلدىن بۇيان، گېرمانىيە دۆلىتى خىتايغا نۇرغۇنلىغان سوتچى، ئەدلىيە خادىملىرى، تەپتىش خادىملىرى، ئادۋوكاتلار ۋە قانۇن – تۈزۈم تەتقىقاتچىلىرىنى تەربىيىلەپ بەرگەن بولسىمۇ، پىلغا پاشا تەسىر قىلمىغاندەك، خىتاينىڭ مەۋجۇد تۈزۈلمىسىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغان. خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىدىن ھەم كىچىككىنە بىشارەتمۇ كۆرۈلمىگەن. ئەكسىچە، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى خىتايدا ئىزچىل تۈردە يامانلىشىپ بارغان.

خىتايدا بىر پارتىيىلىك تۈزۈم يوقالماي تۇرۇپ، قانۇن دۆلىتى قۇرۇش مۇمكىن ئەمەس

ياۋروپادىكى خىتايلار تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىدىغان "ياۋروپا يېتەكچى گېزىتى" نىڭ 10 – ئايلىق سانىنىڭ 19 – باسمىسىدا ئېلان قىلىنغان "قانۇن دۆلىتى دىئالوگىنىڭ سىرتىدىكى دىئالوگ" ناملىق زىيارەت خاتىرىسى، خىتاي قانۇنىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى رۆشەن ئاشكارىلاپ بەرگەن.

"قانۇن دۆلىتى دىئالوگىنىڭ سىرتىدىكى دىئالوگ" ناملىق بۇ زىيارەتنى "دېموكراتىك جۇڭگو ئالدىنقى سەپى" تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى فەي لياڭيوڭ، مەزكۇر تەشكىلات تاشقى ئىشلار كومىتېتى ياۋروپا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇا چۇانمەي، "گېرمانىيە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى" نىڭ رەئىسى پىڭ شيائومىڭ قاتارلىقلار گېرمانىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان Josef Brink بىلەن ئېلىپ بارغان. Josef Brink ئەپەندى گېرمانىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە قانۇن دۆلىتى دىئالوگى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، "گېرمانىيە – خىتاي قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" ئىشلىرىنىڭ بىۋاستە مەس`ئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

زىيارەتچىلەر ئالدى بىلەن Josef Brink ئەپەندىگە، خىتايدىكى سوتچى، تەپتىش ۋە ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كەسپى خادىملار ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانۇن – تۈزۈم بىلىملىرىدىن سەۋىيىسىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى، تەلەپكە لايىق كەسپى خادىم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلار ياراملىق قانۇن خادىمى بولۇپ چىققان تەقدىردىمۇ، خىتايدىكى بىر پارتىيىلىك تۈزۈم ئاستىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنىڭ بولمايدىغاندىغانلىقىنى، ئۆگەڭەنلىرىنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى ۋە بارلىق ھۆكۈمنى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قارارى بويىچە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا خىتايدا بىر پارتىيىلىك تۈزۈم يوقالماي تۇرۇپ، قانۇن دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىز قانۇننى ئىجرا قىلىشنى تىلغا ئالساق، خىتاي بىز بىلەن قانۇن دىئالوگى قۇرۇشنى رەت قىلىدۇ

جوسەف برىنك ئەپەندى، ئۇلارنىڭ پىكرىگە جاۋابەن: "بىز خىتاي بىلەن پەقەتلا قانۇن ھەققىدە دىئالوگ قۇرىمىز، قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە سىياسىي قاتلام ھەققىدە پىكىرلەشمەيمىز. ئەگەر بىز ئۇ تەرەپلەرنى تىلغا ئالساق، خىتاي بىز بىلەن قانۇن دىئالوگى قۇرۇشنى رەت قىلىدۇ. بىز 80 – يىللاردىن باشلاپلا خىتايغا قانۇن دىئالوگى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولساقمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل رەت قىلغان ئىدى. بىز پەقەت قانۇننىڭ نەزەرىيە قىسمى ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە تەربىيە ئېلىپ بېرىش شەكلىگە تايىنىپ، بۇ دىئالوگنى باشلىدۇق ۋە قانۇن ساۋاتى يوق دىيەرلىك بۇ كىشىلەرنى تەربىيىلەش ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز" دېگەن. زىيارەتچىلەر بۈگۈنكى خىتايدا، ساقچىلارغا ئەدلىيە، ئادۋۇكات ۋە سوت خادىملىرىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ ناھەق ئادەم تۇتۇش، قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە خالىغانچە جەرىمانە قويۇش قىلمىشلىرىنى چەكلەش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ زىيارەت خاتىرىسى خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ ئىچ باغرىنى ئوپېراتسىيە قىلغان بولۇپ، سوت بىلەن ئەدلىيە، ئەدلىيە بىلەن تەپتىش، تەپتىش بىلەن سوت ۋە ساقچى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى، بۇ ئورگانلارنىڭ مۇستەقىل پائالىيەت قىلىش، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئىمكانى يوقلىقى، بۇ ئورگانلارنىڭ ئۈستىدە سىياسىي قانۇن كومىتېتى ھوقۇق يۈرگۈزىدىغانلىقى، ئۇنىڭمۇ ئۈستىدە مەركىزى سىياسىي بيۇرونىڭ ھۆكۈم سۈرىدىغانلىقى قاتارلىق ناھايىتى دىققەت چېكىدىغان تېمىلار ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدا يەنە، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە فالۈڭۇڭلارنىڭ مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەدلىيە مىنىستېرلىكى خادىمى Josef Brink ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان ھەر قانداق مۇناسىۋەتتە بۇلارنىڭ مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئەكرەم)