خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" (2)


2006.10.18

"ياۋروپا يېتەكچى گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان" قانۇن دۆلىتى دىئالوگىنىڭ سىرتىدىكى دىئالوگ" ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە يېزىلىشىچە، خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى گېرمانىيە ئەدلىيە مىنىستېرلىكى خادىمى Josef Brink بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا، "خىتايدا سوتچىلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولىشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم تەرىپى؛ مەيلى سوت، ساقچى ياكى ئەدلىيە ئورگىنى بولسۇن، ھەممىسى سىياسىي قانۇن كومىتېتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئۆزى قانۇنسىز بىر مەۋجۇدلۇق. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساسىي قانۇنغا تۈپتىن خىلاپ. ھالبۇكى، بارلىق قانۇن ئورگانلىرى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنىدۇ. ئۇ شەرقگە قارا دېسە، شەرقگە قارايدۇ، غەربكە قارا دېسە، غەربكە قارايدۇ. سىياسىي قانۇن كومىتېتى قانداق ھۆكۈمنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا، سوتچى شۇ ھۆكۈمنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ يەردە قانۇن سەۋىيىسىنىڭ رولى بولمايدۇ" دېگەندە، Josef Brink ئەپەندى خىتاينىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتى دىگەن بۇ دېكتاتۇر ئورگىنىنى ھىچ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە قانۇننىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدىغان بۇ غەيرى مەۋجۇدلۇقتىن ھەيران بولغان.

Josef Brink: "مېنىڭچە بۇ ناھايىتى مۈشكۈل"

خىتاي دېموكراتلىرى Josef Brink ئەپەندىدىن "بىز قانۇن دۆلىتى تەربىيىسى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن خىتايلار بىلەن كۆرۈشەلەمدۇق؟" دەپ سوئال سورىغاندا، Josef Brink ئەپەندى جاۋاپ بېرىپ:" مېنىڭچە بۇ ناھايىتى مۈشكۈل. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. خىتاينىڭ شەرتى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، تىبەتلىكلەر مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق بۆلگۈنچىلىككە ياتىدىغان نۇقتىلار ھەققىدە سۆھبەتلىشىش مەنئىي قىلىنغان. ھەتتا فالۈڭوڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقىمۇ بولمايدۇ" دېگەن.

خىتاي دېموكراتلىرى يەنە "ئادۋوكاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتى جاۋابكارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. لېكىن خىتايدا ئادۋوكاتلار ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ. قانداقسىگە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىيالىسۇن؟ سىلەرنىڭ ئۇلارنى تەربىيىلىگىنىڭلار بىكارغا ۋاقىت ۋە پۇل ئىسراپ قىلغانلىق بولمامدۇ؟" دېگەندە، Josef Brink ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلغان.

Josef Brink: ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭ يالغانلىقىنى بىلىمىز

خىتاي دېموكراتلىرى Josef Brink ئەپەندىدىن "سىلەر خىتايدىكى تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟ بەلكىم سىلەرگە ئۈلگىلىك تۈرمىلەرنى كۆرسەتكەندۇ؟" دەپ سورىغان. Josef Brink ئەپەندى "شۇنداق، بىز زىيارەت قىلغان بەزى تۈرمىلەر گېرمانىيىدىمۇ يوق. شۇنچىلىك ئالىي تۈرمىلەرنى كۆردۇق، ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭ يالغانلىقىنى بىلىمىز" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

خىتاي دېموكراتلىرى يەنە مۇنداق دېگەن: "يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئەنزىلەرنى پاش قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر ئادەم قاتىللىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى ۋە قىيىن - قىستاققا چىدىماي ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۆلگۈچى ئادەم پەيدا بولۇپ قالدى. ساقچىلار جىنايەتچىنى نائىلاج قويۇۋەتتى. بۇنىڭدىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بارمۇ؟". Josef Brink ئەپەندى بۇ سوئالغا "ئاڭلىغاندەك قىلىمەن" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

"قانۇن دۆلىتى دىئالوگىنىڭ سىرتىدىكى دىئالوگ" ناملىق بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە، خىتاي دېموكراتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تامامەن يالغانلىقىنى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھىيلىگەرلىكى ۋە ياسالمىلىقىنى، ئىچكى جەھەتتە ئۆز خەلقىنى ئالدىسا، تاشقى جەھەتتىن پۈتۈن دۇنيانى ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، Josef Brink ئەپەندى بۇلاردىن پۈتۈن دۇنيانىڭ خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان.

سۆھبەتتىن مەلۇمكى، گېرمانىيە ئەدلىيە خادىمى Josef Brink ئەپەندى پۈتۈن سۆھبەت جەريانىدا ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە بولغان. خىتاي بىلەن ئاران باشلىغان "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" نىڭ تەسىرگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.