كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇشقا باشلىغان

0:00 / 0:00

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى شى خۇڭنىڭ 5 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى كانادادىن خەۋەر قىلىشىچە، كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا كانادادىكى 100 مىڭلىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ئەمدى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كەچۈرۈم ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى، بەلكى يېقىندا قانۇنسىز كۆچمەنلەردىن 11 مىڭ كىشىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان.

كۆچمەن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى فېڭ جىجچياڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كانادادا ھازىر خىتايدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەن سانى 20 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى جىددىي ھەل قىلماي كەلگەن ئىدى، يېقىندا بۇ مەسىلىگە قايتىدىن ئەھمىيەت بېرىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇشقا باشلىغان. تىزىملىكتىكى كۆپىنچە ئادەم ھازىر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇرتتىن ئادەم قوغلاش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. ھازىر ئېنىقلانغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، كانادادا خىتايدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس. خىتايلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە، خىتايلار ئاچقان ئاشخانىلاردا بۇنداق قانۇنسىز كۆچمەنلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ھازىر ئۇلار بىر-بىرلەپ تۇتۇلۇۋاتىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، كانادادا تۇرۇشلۇق گۇئەن فامىلىلىك بىر ئەرباب ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ 'بۇ ئادەملەرنىڭ كاناداغا قوشقان توھپىسى بار، ئۇلارغا قارىتا بۇنداق ھەرىكەت قوللىنىش ئەخمەقلىق، بۇنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسى يوق' دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كانادانىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە خىتاي ئاشخانىسىدا ئىشلەيدىغان سۈن فامىلىلىك ئەپەندى ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار توسۇۋېلىپ تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغان تىزىملىكتىكى ئادەم ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، ئۇ بىۋاستە كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. يەنە بىر خىتاي يىگىتى قاۋاقخانىدا جېدەل چىقارغاندا ساقچىلار تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى ئائىلە بويىچە چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان.

كانادادا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش ئىشى ھازىرقىدەك جىددىي بىجىرىلىۋاتقاندا، گەرچە كۆچمەن ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرى خىتايغا قايتۇرىلىدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ئەگەر قايتىپ كەتسە خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقسا، كانادادا مەڭگۇ تۇرۇپ قېلىشقا قايتىدىن ئىلتىماس قىلىش مۇمكىن' دەپ جاكارلاۋاتقان بولسىمۇ، قايتۇرىلىدىغان كۆپىنچە كىشىلەر بۇنىڭدىن ئۈمىد يوق دەپ قارىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھازىر كانادادا تۇرۇۋاتقان مەھەممەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.