جۇڭگو ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى


2006.08.03

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكا جۇڭگوغا قايتۇرماقچى بولغان 40 مىڭ قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا، جۇڭگو ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماقتا، دىگەن خەۋەر "پاكىت ئاساسىغا تايانمىغان،" دەيدۇ.

جۇڭگو تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا خىتايغا قايتۇرماقچى بولغان بۇ كۆچمەنلەرنىڭ جۇڭگودىن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئۇلارغا قايتىش گۇۋانامىسى بېرىپ خىتايغا قايتىشىنى ساقلايدىكەن. لېكىن بۇنىڭدىن بىر قانچە بۇرۇن ئامېرىكىدا چىقىدىغان Wall Street Journal گېزىتى،جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى خىتايغا تەڭ قايتۇرمىغىچە، بۇ 40 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەننى قوبۇل قىلمايمىز، دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇلارنى ئەۋەتىدىغان باشقا يەر يوق

ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى 40 مىڭ قانۇنسىز خىتاي كۆچمىنىنىڭ ئاران 730 نەپىرى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مايكىل چېرتىپ، قالغان 39 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەننى يۇرتىغا ھەيدەشكە توغرا كەلسە، ئۇلارنى نەگە ئورۇنلاشتۇرۈش ئۈستىدە توختىلىشنى رەت قىلدى. چېرتوپ، ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئىنتېرپرائىز ئىنىستىتۇتىدا سۆزلىگەن بىر نۇتۇقىدا، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى"قايتۇرۇۋېلىش رەت قىلىنسا، ئۇلارنى بۇ دۆلەتكە ئەركىن قويۇۋىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنى ئەۋەتىدىغان باشقا يەر يوق" دەيدۇ.

ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار بۇ يىل 1 - ئۆكتەبىرگىچە جۇڭگوغا يوللايدىغان قانۇنسز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى 522 گە يەتكۈزمەكچى. لېكىن بۇ سان 2005 ۋە 2004 - يىللىرى جۇڭگوغا قايتۇرۇلغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىدىن يەنىلا كۆپ ئاز.

Wall Street Journal گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر باشقا دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشمىسا، ئامېرىكىنىڭ قانۇنسز كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئورۇنداش ناھايىتى تەس ۋە قىيىنغا توختايدىكەن. كلىنتون ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ كومىسارى دورىس مېيسنىر، " ئەگەر جۇڭگو ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋالسا، بىزنىڭ قىلالايدىغان ئامالىمىز ناھايىتى چەكلىك " دەيدۇ. خەلقئارا ئەھدىنامىلار بويىچە ئەگەر بىر دۆلەت قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى دۆلىتىگە قايتۇرماقچى بولسا، شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

جۇڭگونىڭ ئۈزىنى قاچۇرۇشى سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا

دورىس مېيسنىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشى" خەلقئارا قائىدە - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرنى بۇزغانلىقتۇر " . ئامېرىكا 2001 - ۋە 2002 - يىللىرىدا يىلىغا 5000 جۇڭگو پۇقراسىغا سىياسىي پاناھلىنىش ھوقۇقى بەرگەن بولسىمۇ، بۇ سان كېيىنكى يىللاردا ئازىيىشقا باشلىدى. لېكىن جۇڭگو قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇش مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئۈكتىچىلىرىگە، فالۇنگۇڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىنىش ھوقۇقى بېرىش سىياسىتى بىلەن باغلاپ، ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلەتمەكتە. ‏لېكىن چېرتوپ بۇنىڭ سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. چېرتوپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگونىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۈزىنى قاچۇرۇشى سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئۇ، " كىشىلەر ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرىپ تۇتۇلۈپ قالغاندىن كېيىن، قايتۇرۇلۇشنى كۈتۈش جەريانىدا سىياسىي پاناھلىق قانۇنىدىن خەۋەر تېپىپ پاناھلىق تىلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي پاناھلىق سىياسىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، "جۇڭگو سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى باھانە قىلىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدۇ "دەيدۇ.

جۇڭگو ئامېرىكىدىن بەزى نەرسىلەرنى ئۈندۈرۈۋالماقچى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ يۇڭكاڭ، ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىملەر ئىككى دۆلەت كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئەسلەتمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى ھەر بىر قانۇنسىز كۆچمەننىڭ كۈنلىكىگە 95 دوللار خەجلىمەكتە ۋە قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھازىرغىچە 700 مىليون دوللار خەجلەپ بولغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيتوفنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئامېرىكا بىلەن سودىلىشىشنىڭ كوزۇرى قىلىپ قوللانماقتا.

مەيئامى ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پاكۇلتىتىدىكى دوكتور جىن دېفاڭ، " قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە تەشەببۇسكار تەرەپ جۇڭگو " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "ئامېرىكا يا جۇڭگونىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشى ياكى بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا قېلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك" . " جۇڭگو ئامېرىكىدىن بەزى نەرسىلەرنى ئۈندۈرۈۋالماقچى " دەپ تەكىتلىگەن جىن دېفاڭ ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا " ئۇلار ئامېرىكىدىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ئېرىشمەكچى ياكى تەيۋەن ۋە سودا مەسىلىسىدە يول قويۇشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولسا كېرەك " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.