ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكا تۇپرىقىدا تۇغۇلغان ھەر قانداق بالا ئاپتوماتىك ھالدا ئامېرىكا پۇقراسى بولىدۇ. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا كام ئۇچرايدىغان مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل بىر قانۇن دەل قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىغا يەرلىشىشىگە كەڭ يول ئاچقان بولغاچقا ، خىتاي ، كورىيە ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى ئادەم قاچاقچىلىرى ئېغىر ئاياق ئاياللارنى ئامېرىكا چېگرىسىغا تۈرلۈك يوللار بىلەن كىرگۈزۈشنى پۇل تېپىش ئۇسۇلى قىلىۋالغان بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا تۇپرىقىدا يەڭگىگەن ھەر 10 ئايالنىڭ بىرىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەن بولۇشىدەك ھالەت داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ ، بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پۇقرالىق قانۇنىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلماقتا.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت پۇقرالىق سىياسىتى
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن 14 - ماددىسىدا " ئامېرىكا تۇپرىقىدا تۇغۇلغان بالىنىڭ ، ئاتا - ئانىسى قايسى دۆلەت ، قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن ۋە ياكى ئامېرىكىدا قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئاپتوماتىك ھالدا ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ھوقۇقى بار " دەپ بەلگىلەنگەن . مەزكۇر قانۇن يۈرگۈزۈلگەن 140 يىلدىن بۇيان دىپلومات، ساياھەتچى ۋە قانۇنسىز ھەم قانۇنلۇق كۈچمەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈز مىليون چەتئەللىك ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ پۇقرالىق سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىپ كەلمەكتە.
دەرۋەقە ، مۇشۇ سەۋەبلىك يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ، ئامېرىكا قانۇنىدىكى ئامېرىكا تۇپرىقىدا تۇغۇلغان ھەر قانداق بالىغا ئاپتوماتىك ئامېرىكا پۇقرالىقى بېرىشتەك ماددىنى بىكار قىلىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
قانۇنسىز كۈچمەننىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا قانۇنلۇق بولۇشتىكى يولى
چۈنكى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىغا كېلىشنى ھەم ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلغان نۇرغۇن چەتئەللىكلەر دېڭىز ئوكيانلارنى كېزىپ جاپا -مۇشەققەتلىك ھەتتا قانۇنسىز خەتەرلىك يوللار بىلەن كېلىپ بالىسىنى ئامېرىكا تۇپرىقىدا تۇغۇپ ، شۇ باھانىدە بارلىق ئائىلىسىنى ئامېرىكىغا قانۇنلۇق كۆچمەن قىلىشنى ئامېرىكا چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ يولى قىلىۋالغان.
يەنە شۇنىڭدەك ، لاتىن ئامېرىكىسى ، خىتاي ، كورىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا مەملىكەتلىرى ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدە مەخسۇس بالىسىنى ئامېرىكىدا تۇغۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇدىغان شەخسى شېركەتلەرمۇ پەيدا بولۇپ ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئەۋزەل پۇقرالىق سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىشنى كەسپ قىلىۋاتقان ئىكەن.
خىتاي قانۇنچىلىق گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر مەلۇماتتا كۆرسىتىشىچە، كورىيىدە " ئامېرىكىغا بېرىپ بالا تۇغۇش" نامىدا ئىنتېرنېت تور بېتىمۇ ئېچىلغان بولۇپ ، بۇ تور بەتنى تەسىس قىلغان شىركەتنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق نەچچە يۈزلىگەن ئىككى قات كورىيە ئاياللىرى ئامېرىكا چېگرىسىغا كىرىپ يەڭگىگەندىن كېيىن يەنى بالىسىنىڭ پۇقرالىق قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى ، پاسپورتىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە كورىيىگە قايتىپ توسالغۇسىز يېنىپ كەلگەن.
ئامېرىكىدا كىشىلەرنىڭ رەسمىيەت بېجىرىشى قانۇنلۇقلا بولسا توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ ،قانۇنلۇق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش بېكىتىلگەن خىزمەت ۋاقتىدا قىسقا مۇددەت ئىچىدە پۈتىدۇ. ئادەتتە بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش گۇۋاھنامىسى ۋە پۇقرالىق رەسمىيەتلىرى ھەم پاسپورتى قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈشىگە بىر ئايچە ۋاقىت كېتىدۇ.
ستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ جەنۇبى تەبئىي مۇھىتى ئەۋزەل ، ھاۋا كېلىماتى ئالاھىدە يېقىملىق، مال باھاسىمۇ ئەرزان بولغاچقا ئامېرىكىدا بالا تۇغۇشنى مەقسەت قىلغانلارنىڭ ئەڭ ئاۋالقى تاللىشى بولۇپ قالغان. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان كالىفورنىيىگە ئامېرىكىلىق بالا تۇغۇشقا كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر بالىسىنىڭ ئاپتوماتىك پۇقرالىق ھوقوقىغا ئېرىشكەنلىكى باھانىسىدا ئاستا - ئاستا قانۇنلۇق بولۇپ تۇرۇپ قېلىۋاتقان بولۇپ ، ئۇلار ھەتتا بالىلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇشتەك مەنپەئەتلەردىن بەھرىمان بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا بالىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئامېرىكىغا قانۇنلۇق بولۇۋالغان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تۇراقلىق كىرىمى يوق ، بىلىم ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا ئۇلار داۋاملىق ئامېرىكىنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىق ياردىمىگە، قۇتقۇزىشىغا تايىنىدۇ ، بۇ خىل دۆلەت تەرىپىدىن بېقىلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىگىمۇ بەلگىلىك بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
90 - يىللاردىن بۇيان ئىككى قات ئاياللارنى ئامېرىكىغا يۆتكەيدىغان ئادەم قاچاقچىلىرىنىڭ سودىسى تازا قىزىغان بولۇپ ، ئامېرىكا چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنى ئىزدەۋاتقانلار ئادەتتە ئامېرىكىغا كېلىپ بالا تۇغۇشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارغا رازىمەنلىك بىلەن 30 مىڭ دوللار تۆلىگەن .
ئامېرىكىنىڭ پۇقرالىق قانۇنىنى ئۆزگەرتىشى ئېھتىماللىقتىن يىراق ئەمەس
بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئامېرىكىغا كېلىپ بالا تۇغۇش بورىنى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى، نوپۇس تەڭپۇڭلىقى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، مېدىتسىنا، داۋالاش سۇغۇرتىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن بىر قىسىم ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىدا كۈچلۈك پىكىر قوزغىغان.
تېكساس شىتاتى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە پالاتا ئەزاسى سىمىسنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئون بوۋاقنىڭ بىرى قانۇنسىز كۆچمەننىڭ بالىسى ئىكەن. كالىفورنىيە شىتاتىدا بولسا ھەر بەش بوۋاقنىڭ بىرى قانۇنسىز پۇقرانىڭ بالىسى ئىكەن. نۆۋەتتە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا بالا تۇغۇش ئارقىلىق ئامېرىكىغا كۆپلەپ كۆچمەن بولۇپ كېلىشىگە قارشى پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ پۇقرالىق قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلماقتا .
ئامېرىكا پۇقرالىق قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت تەكلىپ %49 ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ، %41 ى قارشى چىققان. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە ،ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ھەر قانداق بوۋاقنىڭ ئاپتوماتىك ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتۈشتەك قانۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەزالارنىڭ ئۈچتىن ئىككىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى ھەمدە ھەر قايسى شتاتلارنىڭ تۆتتىن ئۈچىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىش شەرت بولغاچقا ، گەرچە بۇ يېقىن ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان پىلاندەك كۆرۈنمىسىمۇ ، ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى 300مىليوندىن ئاشقان ، قانۇنسىز كۈچمەنلەر نوپۇسىنىڭ بولسا 12مىليونغا يەتكەندەك ئەمەلىي ھالىتىدىن قارىغاندا ، ئامېرىكىنىڭ پۇقرالىق قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇرىي بىر ھالەت شەكىللىنىپ بولغان. (گۈلچېھرە)
