كىلىياڭ يېزىسىدىكى نامرات دېھقانلار قار ئاپىتىدە قالدى


2005.02.22

17 - فېۋرالدىن باشلاپ 21 - فېۋرالغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەشقەر ھەم خوتەننى ئاساس قىلىپ توختىماي ياققان قار، بۇ جايلاردا قار ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە مەلۇم بولغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، جەمئىي 19000 مىڭ نوپۇس بۇ قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان.

خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسى قاتارلىق بەزى جايلارنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 70 سانتىمېتىرغا يەتكەن. ئۇيغۇر ئېلى ئاخباراتلىرى بۇ قېتىملىق ئاپەتتە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋالى بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپەتتە 14 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا -مال ئۆلگەن.

20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ

گۇما ناھىيىلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 1976 - يىلىدىن بۇيان بۇ رايونلاردا بۇنداق چوڭ قار يېغىپ باقمىغان. نۆۋەتتە قار قېلىن ياققان چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا يەنىلا نۇرغۇن چارۋا مال يوللار ئېتىلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن قىشلاقلاردا قاپسىلىپ قالغان.

"شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى" نىڭ سەيشەنبە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق قار ئاپىتىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان جاي، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيىسىنىڭ كىلىياڭ يېزىسى بولۇپ، بۇ يېزىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدە ئۆرۈلگەن ئۆيلەر 260 تىن ئاشقان. گۇمىنىڭ كىلىياڭ يېزىسىغا قاراتقان بىر نەچچە قېتىملىق تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان كىلىياڭنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدە نەچچە مىڭلىغان نامرات دېھقانلار، ئىسسىنىش، يىمەكلىك، كىيىم كېچەك، ۋاقىتلىق تۇرالغۇ ھەتتا سۇغا ئوخشاش ئاساسلىق تۇرمۇش بويۇملىرىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

بەزىلەرنىڭ ئىسسىنىشتا قالاشقا ئوتۇنىمۇ يوق

كىلىياڭدىكى بىر دېھقان بىلەن بۇ قېتىملىق قار ئاپىتىنىڭ دېھقانلارغا قايسى تەرەپلەردىن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كىشى، قارنىڭ 45-سانتېمېتىر ئەتراپىدا ياغقانلىقى، بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ئۆرۇلۈپ چۈشكەنلىكىنى، چارۋا – ماللارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ قالاشقا ئوتۇنى يوقلىقىنى، بەزى دېھقانلارنىڭ ھەتتا ياتىدىغان يوتقان – كۆرپىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ياش دېھقان، قار قېلىن ياققانلىق سەۋەبى بىلەن ھاشاردىن بالدۇر يېنىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىرغا قەدەر بۇ يېزىدا دېھقانلارنىڭ مەجبۇرى ھاشار ئەمگىكىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى، بۇ يېزىنىڭ ھەمممىدىن نامرات يېزا سانىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا سۇ ھەم توك مەسىلىسىنىڭمۇ ھەل بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

ياردەمگە مۇھتاج

بىز كىلىياڭنىڭ ئاپەت ئەھۋالى ھەمدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قار ئاپىتىدە قالغانلارغا قاراتقان ياردەملىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، كىلىياڭ يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى ياڭغا تېلېفون قىلدۇق ئەمما ئۇ “ تېلېفوننى كىمگە ئۇرساڭلار ئۇرۇڭلار” دەپ زىيارىتىمىزنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى.

بىز يەنە يېزا باشلىقى تۇرسۇنجان بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ئۇ كىشى ئاپەتتىكى كىلىياڭنىڭ ئەھۋاللىرىنى چۈشەندۈرۈپ، قارنىڭ توختىغانلىقىغا ئىككى كۈن بولغانلىقىنى، توك نورمال بولسىمۇ، سۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، تۇرۇبىلارنىڭ يېرىلىپ، سۇ تەمىنلەشكە ئامال بولمىغانلقىنى، بىر قىسىم نامرات دېھقانلارغا ياردەم بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

يېزا باشلىقى يەنە، نۆۋەتتە ئاپەتتە قالغان كىلىياڭ دېھقانلىرىنىڭ قايسى جەھەتلەردىن ياردەمگە جىددى مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، 5000 دىن ئارتۇق چارقىنىڭ تاغلىق رايوندا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى، چارۋا – ماللارغا يەم-خەشەكنىڭ كەملىكىنى بىلدۈردى.

كىلىياڭدىكى ئاممىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ نامرات يېزىدا ھەتتا نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان سوغاقتا كىيگۈدەك قېلىن كىيىمىمۇ يوق دېھقانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بۇ قېتىقى قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلاردىكى ئامما ھەر خىل قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىغا جىددى ئېھتىياجلىق بولغاندىن سىرت، يەنە نەچچە ئون مىڭ تۇياق مال - چارۋىلارمۇ قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.