ئالتاي رايونىدا قار ئاپىتى داۋام قىلماقتا
2006.01.12
ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، داۋاملىشىۋاتقان قارلىق ھاۋارايى ئۆزگىرىشى تۈپەيلى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىنى ئاساس قىلىپ يۈز بەرگەن قار ئاپىتى يەنىمۇ ئېغىرلاشماقتا.
يېڭى يىل ھارپىسىدىن باشلاپ ياققان قاتتىق قار ئالتاي تارباغاتاي، ئىلى رايونىدىكى بەزى ناھىيە ھەم چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا 60سانتىغا يېتىپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ ئېغىر ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
نۆۋەتتە بۇ كەڭ دائىرىدىكى قار ئاپىتىدە 620 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
ئادەملەر ۋە ماللار زىيانغا ئۇچرىغان
بىز ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىدىن ئاپەت ئەھۋالى ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. ئەمما تېلېفونىمىزنى بىر نۆۋەتچى ئېلىپ، باشلىقلار ھەممىسى ئاپەت بولغان جايلارغا كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇ ئالتايدا قارنىڭ توختىماي يېغىۋاتقانلىقىنى، تاغلىق رايونلاردا ئاپەتنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ھازىرغا قەدەر زادى قانچىلىك زىيان كېلىپ چىققانلىقىنى تېخى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپەتكە دائىر ئېلان قىلىنىۋاتقان ئاخباراتلاردا، ھازىرغىچە قار ئاپىتىدە ئۆلۈم يېتىم ئەھۋاللىرىنىڭ كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي، چىڭگىل ناھىيىلىرى، ئالتاي شەھىرى، قابا، بۇرچىن ناھىيىسىدە ھازىرغىچە 5672 ئادەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈششۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. شۇنداقلا نەچچە يۈز مىڭ تۇياق چارۋا مال زىيانغا ئۇچرىغان. بىۋاستە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 80مىليون يۇئەنگە يەتكەن.
بىز قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ھەممىدىن ئېغىر ئۇچرىغان ئالتاينىڭ كۆكتوقاي ناھىيىلىك دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۈششۈپ قالغان چارۋىچىلارنىڭ داۋالاشقا ئېرىشەلىگەن - ئېرىشەلمىگەنلىكىنى سورىدۇق.
تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ بىر دوختۇرى، ئامېرىكىدىن تېلېفون ئۇرىۋاتقانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، سوئاللىرىمىزغا ئالدىراپ جاۋاب بەردى. ئۇ " ئۈششۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى بار، دوختۇرخانىمىزدا داۋالاۋاتىمىز، سوغاق ھاۋادا ئۇنىڭدىن باشقىمۇ كېسەللەر كېلىۋاتىدۇ، ھەممىنى ھەقسىز داۋالاۋاتىمىز. باشقا چاتاق يوق، سىلەر كۆڭۈل بۆلمىسەڭلارمۇ بولىدۇ" دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بەزى يوللار ھازىركغىچە ئېچىلمىغان
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت تاش يولى 216 - لىنىيىسى، ۋە ئۆلكە يولى 217 - لىنىيىسىدە قاتناش ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بەزى يول بۆلەكلىرىدە تاغدىن كۆچكەن قارلار داۋاملىق ھالدا بەزى يوللارنى ئېتىپ قويماقتا ئىكەن.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە -12 يانۋار بېرىلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئىلى رايونىدىمۇ قاتتىق قار ياققان بولۇپ، 11 - يانۋار كۈنى ئىلىنىڭ تەلكە ئېغىزى، ئالمالىق جىلغىسىدا قار كۆچۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ئاساسلىق قاتناش لىنىيىلىرىدىن 312 - دۆلەت تاش يولى توسۇلۇپ، يولۇچىلار قاپسىلىپ قالغان.
ھۆكۈمەت توربەتلىرىدە قار ئاپىتىگە دائىر بېرىلگەن خەۋەرلەردە، ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەت رايونىغا ياردەمنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەزمۇن قىلىنغان. ئەمما بىز ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر بولغان، ئالتاينىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا بىر قازاق چارۋىچى، بۇ جايدا بەزى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ھاۋا بەك سوغاق بولغاچقا ئاممىنىڭ جىددىي ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنىڭ تېخى كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدا قار ئاپىتى يۈز بەرگەن جايلاردا ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 43 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشكەن، ئالتاي مېترولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئالتاي، ئىلى قاتارلىق جايلاردا كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە قارلىق ھاۋارايى يەنە داۋاملىشىدىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك تەبىئىي ئەپەتلەردىكى ئۆلۈم – يېتىم سانىنى ئېلان قىلامدۇ؟
- كەلكۈن ئاپىتى ئالتاي ۋىلايىتىگە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلدى
- ئالتاي ۋىلايىتى يىگىرمە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى
- ئالتاي كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى
- قار- يامغۇر ئاپىتى خوتەن دېھقانلىرىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى
- كىلىياڭ يېزىسىدىكى نامرات دېھقانلار قار ئاپىتىدە قالدى