بۇ يىل كىرىشى بىلەن باشلانغان ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق سوغاق ھاۋا، ھازىرغا قەدەر قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ۋىلايەتلىرىدىكى بىر قىسىم جايلاردا يەنىلا داۋام قىلماقتا. ئاپەتتە قالغان جايلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان نامرات يېزىلاردا، ئاپەتتە قالغان ئامما قار ھەم سوغۇقتا تۇرمۇش، ئىسسىنىش، ئوزۇقلىنىش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن قىينىلىپ، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ھەم ياردەمگە ئېرىشەلمەي ھەتتا ئادەم ئۆلۈشتەك پاجىئەلەرنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
قەشقەر تەۋەسىدىكى كۆپ قىسىم يېزىلاردا بۇ قىش ئون يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان سوغاق ھاۋا تېخىچە داۋاملىشىۋاتقان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدىكى دېھقانلاردىن ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.