ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قار لەيلىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا


2005.08.30

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالاھىدە شىپالىق قىممىتىگە ئىگە بولغان قار لەيلىسىنىڭ ئادەملەر تەرىپىدىن قالايمىقان ئۈزۈلۈشى سەۋەبىدىن يوقىلىش گىردابىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بۇنىڭغا ھېچقانداق تەدبىرلىك چارە قوللىنىلمىدى. ئادەملەرنىڭ قار لەيلىسىنى قانۇنسىز ئۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، قار لەيلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋاقتىمۇ بارغانسېرى قىسقىراپ ماڭماقتا.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر قار لەيلى ماكانى بولغان بايىنغۇلىن موڭغۇل ئوبلاستىدا، دېڭىز يۈزىدىن 3500 مېتىر ئىگىزلىككىچە بولغان جايلاردا قار لەيلىسىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. بۇ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە 5 يىل ۋاقىت كېتىدىغان قار لەيلىسى ئۈچۈن بىر شۇم خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.

ھەسرەتلىك ئەمەلىيەت

بىز ئىلگىرى ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ بويلىرىدا نۇرغۇن قار لەيلىسىنى كۆرەتتۇق. ئەمما ھازىر بۇ يەردە بىرمۇ قار لەيلىسىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇنداق كېتىۋەرسە، قار لەيلىسى نەچچە ئون يىل ئەمەس، بەلكى ئوننەچچە يىلنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي تۈگەپ كېتىشى مۇمكىن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بايىنغۇلىندىكى خۇتۇنسومۇل ناھىيىسىنىڭ ساربۇلاق كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت رېيىم، قار لەيلىسىنىڭ يوقىلىشىغا ھەسرەتلىنىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئىلگىرى ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ بويلىرىدا نۇرغۇن قار لەيلىسىنى كۆرەتتۇق. ئەمما ھازىر بۇ يەردە بىرمۇ قار لەيلىسىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇنداق كېتىۋەرسە، قار لەيلىسى نەچچە ئون يىل ئەمەس، بەلكى ئوننەچچە يىلنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي تۈگەپ كېتىشى مۇمكىن"

خىتاي مەتبۇئاتلىرى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، قار لەيلىسىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق ئەگەر مۇشۇ سۈرئەتتە مېڭىۋەرسە، 30 يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە، ئۇنىڭ پۈتۈن تەڭرىتاغلىرىدىن يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما خەۋەرگە قارىغاندا، ھازىر بۇزغۇنچىلىق ئەھۋالى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ قار لەيلىسىنىڭ يوقىلىشىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خۇتۇنسومۇل ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ئۇيغۇر كادىر، بۇ يەردىكى قار لەيلىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇنى ئۈزگۈچىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگىمۇ قەتئىي رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شەخسىي ئورۇنلار ۋە شىركەتلەر ھۆكۈمەتتىن قار لەيلىسى ئۆسىدىغان تاغلىق رايونلارنى يىللىق سېتىۋالىدىكەن. ئاندىن بۇ يەرگە ئادەملەرنى قويۇپ، قار لەيلىسىنى ئۈزۈش ئىشلىرىغا سالىدىكەن.

بۇ خادىم بىزگە يەنە، بۇ يەردىن تېرىلغان قار لەيلىسىنىڭ ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ئارقىلىق گۇئاڭدۇڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چۈنكى قار لەيلىسىنىڭ دورىگەرلىكتىكى قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ، رېماتىزىم، ئاياللار كېسىلى ۋە چىش ئاغرىقى قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇزغۇنچىلىقنىڭ سەۋەبلىرى

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە يەنە، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ئوتلاقلارنى نازارەت قىلىش پونكىتىنىڭ باشلىقى ئەخمەت يۇنۇس، قار لەيلىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىكى سەۋەبلەرنى 3 نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەن.

بىرىنچىسى، قار لەيلىسىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى. گەرچە بەلگىلىمىلەردە ئۇيغۇر ئېلىدە تېرىشقا بولىدىغان قار لەيلىسىنىڭ مىقدارى يىلىغا 5 توننا دەپ بېكىتلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇ يەردىكى ھەر قايسى دورا ياساش زاۋۇتلىرىنىڭ قار لەيلىسىگە بولغان يىللىق ئېھتىياجى 100 توننىغا يەتكەن. شۇ سەۋەپتىن قار لەيلىسىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، ھەتتا بەزى كىشىلەر پايدىنى كۆزلەپ، ھېچنىمىگە قارىماستىن ئۇنى قالايمىقان ئۈزىدىغان ئەھۋاللار شەكىللەنگەن.

ئىككىنچىسى، باشقۇرۇشتىكى يېتەرسىزلىك. 2002 - يىلى گەرچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قار لەيلىسىنى ئۈزۈش ۋە يۆتكەش رۇخسىتى تۈزۈملىرىنى بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايون بويىچە قار لەيلىسىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا نۇرغۇن ئورۇنلار ئىگە بولۇپ، ئاخىرىغا كەلگەندە ھەممىسى باشقۇرىدىغان ھەمدە ھەممىسى تەڭلا باشقۇرمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. مەسىلەن، خوتۇنسۇمبۇل ناھىيىسىدە بۇ يىل 300 مىڭ دانە قار لەيلىسى ئۈزۈش بەلگىلەنگەن بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۈزۈلگەن قار لەيلىسىنىڭ سانى 700-800 مىڭ دانىغا يەتكەن.

ئۈچىنچىسى، گەرچە ھۆكۈمەت "ئوتلاق قانۇنى"، "ئورمان قانۇنى" ،"ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى" ھەمدە " توشقان زەدىكى، قار لەيلىسى ۋە قۇرتئوت قاتارلىق ئوتلاق ياۋايى ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۈزۈش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى" دېگەندەك بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن بازار باشقۇرۇشى بۇنىڭغا يېتىشەلمىگەن. شۇنداقلا قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ئورۇنلارمۇ خىراجەت، ئادەم كۈچى ۋە ئەسلىھە يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش كۈچى يېتەرلىك بولمىغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى ئوتلاق مۇتەخەسسىسلىرى، ھازىر پۈتۈن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئىگىزلىكتىكى جاينىڭ تۆۋىنىدە قار لەيلىسىنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قار لەيلىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنداقلا ئۇلار يەنە، ئەگەر ھۆكۈمەت بۇنىڭغا جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، قار لەيلىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش پەرىزىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.