قاراماي شەھىرىدە پىنسىيىگە چىققان ئىشچىلار نامايىش قىلدى


2007.05.24

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت شەھىرى قارىمايدا ئۆتكەن ھەپتە پىنسىيىگە چىققان ئىشچىلار نامايىش قىلىپ، داۋالىنىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نامايىش جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولغان.

كۈزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەرلىك دائىرىلەر مۇقۇملۇق ھەممىنى بېسىپ چۈشۈدىغان 1 - ئامىل، دېگەننى باھانە قىلىپ، مەركەزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىغا سالغان مەبلىغىنى جايىغا قوللانمىغانلىقىنى، بۇ رايوندىكى خىتاي ئىشچى - خىزمەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىنسىيە پۇلىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت بازىسى قارىمايدا پىنسىيىگە چىققان 20 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ پىنسىيىدىكى ئىشچىلارغا پىنسىيە سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكى شۇنداقلا پىنسىيە پۇلى تۇرمۇشنى قامدىيالمايۋاتقانلىقىغا نارازى بولۇپ ئەرز قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئەرز قىلغۇچىلار قارىماي شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى بىر چوڭ يولنى توسۇۋالغان ۋە نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى ياتقان مېھمانخانىنى قورشىۋېلىپ، ئۇنى جاۋاپ بېرىشكە قىستىغان. بۇ قېتىمقى نامايىشىنى تەشكىللىگۈچى ئىشچىلار ۋەكىللىرى، ئىشچىلارنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئەرز - شىكايەتلەرنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پىنسىيىگە چىققان ئىشچىسى شاۋ يىسەننىڭ پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، قارىماي شەھىرىدە مۇددەتتىن بۇرۇن پىنسىيىگە چىققان 20 مىڭدەك ئىشچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەر ئايدا 200 سوم پىنسىيە پۇلى ئالماقتا ئىكەن.

" رەھبىرى كادىر"نىڭ مېھمانخانىسى قورشىۋېلىندى

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى تەخمىنەن 300 دەك پىنسىيىگە چىققان ئىشچى، قاراماي شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ يولنى توساپ، نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر رەھبىرى كادىرى قونغان مېھمانخانىنى قورشىۋالغان ۋە پىنسىيە پۇلى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە پايلىمايۋاتقانلىقىنى، پىنسىيىگە چىققان ئىشچىلارغا پىنسىيە سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك مەبلەغنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكى ھەم بۇ پۇلنىڭ ئىز -دېرىكى يوقاپ كەتكەنلىكىدىن نارازى بولۇپ نامايىش قىلغان.

شاۋ يىسەن، " ئۆتكەن ھەپتە بىر تۈركۈم ياشانغان كىشىلەر شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ يولنى توسۇۋالدى. كېيىن ئۇلار بىر رەھبىرى كادىرنىڭ شۇ جايدىكى بىر مېھمانخانىغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ مېھمانخانىنى قورشىۋالدى ھەم بۇ رەھبەرنىڭ تەلىپىمىزنى يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىش ئۈمىدىدە ئۇنىڭغا يەتكۈزدى،" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن قارىماي شەھىرىدە نۇرغۇن ئىشچىلارنىڭ ئىستاجىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى مۇدەتتىن بۇرۇن پىنسىيىگە چىقارغاندىن بېرى، كىشىلەر داۋاملىق ئەرز - شىكايەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار پىنسىيە پۇلىنى ئۆستۈرۈش ۋە بالا- چاقىلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

ئىشچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ھەر ۋاقىت تۇتقۇن قىلىنىش ئېھتىمالى بار

شاۋ يىسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سەزگۈر رايون ئىكەنلىكى، ساقچىلارنىڭ ئىشچىلار ۋەكىللىرىنى ھەر ۋاقىت تۇتقۇن قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ نېفىت - خىمىيە سانائەت بازىسى بولغانلىقتىن، بۇ يەردىكى ئىشچىلارنىڭ ناھايىتى ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارغا تىببى ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىكومىدىكى دائىرىلەر پىنسىيە پۇلى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنمىغانلىقىنى رەت قىلماقتا. نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىكومىنىڭ بىر دۇجورنى خادىمى، رادىئومىز مۇخبىرىغا پىنسىيە پۇلى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ تىببى ياردەمگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، بۇ مەسىلىنى "پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ سوراشنى" تەۋسىيە قىلدى.

تېررورىزم باھانە، مەقسەت چۆنتەكنى تولدۇرۇشمۇ ؟

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خېلى بۇرۇنلا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تەڭشەش توغرىسىدا ھۆججەت چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى غەزىنىدە پۇلى يوقلىقىنى، پۇلنىڭ مۇقۇملۇقنى قوغداشقا كېتىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، مەركەزنىڭ ھۆججىتىنى ھازىرغىچە ئىجرا قىلمىغان. ئامېرىكا مىلۋاكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور كاندىداتى، قىلىچ قانات، "مىللى بۆلگۈنچىلىك"كە قارشى تۇرۇش رايوندىكى ھوقۇقدار كۈچلەرنىڭ يۇقىرىدا مەركەزنى، تۆۋەندە پۇقرالارنى ئالداشتىكى كوزۇر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

قارىماي، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ كونا نېفىت بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قارىماي نېفىتلىكى 1952 - يىلى رەسمى ئېچىلىشقا باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ خىتاينى نېفىت ۋە تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئۆتكىلى بولۇپ قالدى. يېقىندا خىتاينىڭ بىر نېفىت شىركىتى قارىمايدىن زاپاس مىقتارى 30 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئاشىدىغان زور كۆلەملىك تەبئىي گاز قاتلىمى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.