بىر خىتاي مۇخبىرى 8 - دېكابىر قاراماي ئوت ئاپىتىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى پاش قىلدى


2007.05.09

Hkg420368--150-1.jpg
خىتايدا، ئېغىر دەرىجىدىكى ئوت ئاپەتلىرى ۋە شۇ سەۋەپتىن كۆپلەپ ئادام ئۆلۈش دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. China's Shaanxi province 20 December 2006. About 68,220 fires occurred in China from January to March 2006, killing 543 people and injuring 339, according to the Ministry of Public Security. CHINA OUT GETTY OUT AFP PHOTO

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى چېن ياۋۋېن يېقىندا ئۆزىنىڭ شەخسى تور بېتىدە زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىپ، 1994 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاراماي شەھىرىدە يۈز بەرگەن 8 - دېكابىر پەۋقۇلاددە زور ئوت ئاپىتىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى پاش قىلدى. چېن ياۋۋېن، ئەينى چاغدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە نەق مەيداننى زىيارەت قىلغان ۋە ئوت ئاپىتى توغرىسىدا زىيارەت خاتىرىسى ھازىرلىغان ئىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ۋەقە توغرىسىدا خەۋەر بېرىشنى چەكلىگەن بولۇپ، چېن ياۋۋېن، زىيارەت خاتىرىسىنى 12 يىلدىن كېيىن يېقىندا ئۆزىنىڭ شەخسى تور بېتىدە ئېلان قىلدى.

ئوت ئاپىتىدە "رەھبىرى كادىرلار" تالاپەتكە ئۇچرىمىغان

1994- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاراماي شەھىرىدە يۈز بەرگەن 8 - دېكابىر زور كۆلەملىك ئوت ئاپىتى 323 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ۋەقە توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى توسىغان بولۇپ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى چېن ياۋۋېننىڭ نەق مەيداندىن تەييارلىغان زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلىشنى چەكلەنگەن.

ئوت ئاپىتىدە زادى نىمە ۋەقەلەر يۈز بەردى ؟ ھازىرغا قەدەر جەمئىيەتكە ئاشكارىلانمىغان بۇ پاجىئەنىڭ سىرى يېقىندا چېن ياۋۋېن تەرىپىدىن پاش قىلىندى. چېن ياۋۋېننىڭ ئەسكەرتىشىچە،، شۇ قېتىمقى ۋەقەدە "رەھبەرلەرگە يول بېرەيلى"، دېگەن بىر ئېغىز سۆز، زالدىكى 288 نەپەر ياش ئۆسمۈرنىڭ پاجىئەلىك ھالدا كۆيۈپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئاتالمىش "رەھبىرى كادىرلار" ئوت تۇتاشقان جايغا ئەڭ يېقىن يەردە ئولتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئوپ ئاپىتىدىن ساق - سالامەت قۇتۇلۇپ قالغان.

1994 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەندە قاراماي شەھەر مەركىزىدىكى دوستلۇق قۇلۇبىدا، ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى قارشى ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىۋاتاتتى. زالدىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۆپچىلىكى قاراماي شەھىرىدىكى ھەر قايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تاللانغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار پاجىئەلىك بىر بالا - قازانىڭ ئۆزلىرىگە يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى.

چېن ياۋۋېن، زالدا ئالدىنقى رەتتىكى 26 نەپەر " رەھبىرى كادىر"نىڭ بىرىمۇ تالاپەتكە ئۇچرىماي ئوت ئاپىتىدىن ساق - سالامەت قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى " مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇش،" دەيدۇ. چېن ياۋۋېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوت ئاپىتى سەھنە چىرىقىنىڭ پەردىگە ناھايىتى يېقىن قويۇلۇپ قالغانلىقىدىن كېلىپ چىققان.

"رەھبىرى كادىرلارغا يول بېرەيلى"

HKG20050513Fire-200.jpg
ئۈرۈمچى 2 - نومۇرلۇك ئىلىكتەر ئىستانسىسىنىڭ ئوت كەتكەن كۆرۈنۈشى. the burning Hongyangchi No. 2 Power Plant in Urumqi, China's Xinjiang Uygur Autonomous Region, 13 May 2005 as fire-fighters attempt to extinguish the blaze. Four workers were reported killed in the blast, after firefighters extinguished the fire at the plant. AFP PHOTO/str - CHINA OUT

چېن ياۋۋېن ئەينى چاغدا، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوبزور بۆلۈمىدە ئىشلەيتتى. ئۇ، قارامايدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، " نۇقتىلىق سۆھبەت" پروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە قاراماينى زىيارەت قىلىپ، ۋەقە توغرىسىدا بىر زىيارەت خاتىرىسى تەييارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت چېن ياۋۋېن تەييارلىغان ماقالىنى ئېلان قىلىشنى توسىغان.

چېن ياۋۋېن مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنى ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يىل 2 - ئايدا ئۆزىنىڭ شەخسى تو بېتىدە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە تورداشلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ئەنگىلىيە " يەكشەنبىلىك تايمىز گېزىتى" چېن ياۋۋېننىڭ زىيارەت خاتىرىسىدىكى بىر رىياسەتچىنىڭ " رەھبەرلەرگە يول بېرەيلى،" دەپ ۋاقىرىغانلىقىنى يازدى.

چېن ياۋۋېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەدە ھايات قالغانلار مۇخبىرلارغا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سەنئەت پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ، "ئوقۇغۇچىلار جايىڭلاردىن مىدىرلىماڭلار، ئالدى بىلەن رەھبەرلەرگە يول بېرەيلى،" دەپ ۋاقىرىغانلىقىنى پاش قىلغان. بۇنىڭ بىلەن زالدا ئالدىنقى رەتتىكى ئوت تۇتاشقان يەرگە ئەڭ يېقىن جايدا ئولتۇرغان ئەمەلدارلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇرغان كۆپچىلىك ئوقۇغۇچى ۋە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىستا دىمىقىپ ئۆلگەن.

ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشى قارىمايلىقلارنى غەزەپلەندۈرگەن

8- دېكابىر پاجىئەسى پۈتۈن قارىماي شەھىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا سېلىپلا قالماي، ھەر بىر ئائىلىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. قارىمايدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خىتاي ئايالنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، " رەھبىرى كادىرلارغا يول بېرەيلى،" دېگەن بۇ سۆز قارىماي خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئۇ كىشى، "قارىماي خەلقى ھېلىقى ئەمەلدار بۇ سۆزنى قىلماسلىقى كېرەك ئىدى، دىيىشمەكتە. بۇ سۆز نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېچىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئەگەر ئۇ، بۇ سۆزنى قىلمىغان بولسا نۇرغۇن بالىلار قېچىپ چىققان بولاي ئىدى،" دەيدۇ.

لېكىن ياۋۋېن، ئوت ئاپىتىدە يۈز بەرگەن رەزىللىكلەرنىڭ بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى يازدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ پارتىيە سېكرىتارى كۇئاڭ لى ھاجەتخانىغا قېچىپ كىرىۋالغان ۋە ھاجەتخانا ئىشىكىنى تاقىۋېلىپ، ئوغۇچىلارغا ئېچىپ بەرمىگەن.

چېن ياۋۋېن، ھاجەتخانا سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشىكىنى ئېچىۋېتىشكە يالۋۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كۇئاڭ لىنىڭ ھاجەتخانىغا ئىس كىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئىشىكنى ئاچمىغانلىقىنى يازدى. نەتىجىدە كۇئاڭ لى سالامەت قۇتۇلغان بولسىمۇ، ھاجەتخانا سىرتىدا قالغان ئۆسمۈرلەر ھەممىسى ئۆلگەن.

جاۋاپكارلار ئادىل سوتلاندىمۇ ؟

ئوت ئاپىتىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى دوستلۇق سارىيىنىڭ خادىملىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولۇپ 14 كىشىنى قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتقان شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېغىرىغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، ھاجەتخانا ئىشىكىنى تاقىۋالغان كۇئاڭ لى 4 يىللىق، قارىماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى فاڭ تيەنلۇ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

لېكىن " يەكشەنبىلىك تايمىز گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاۋاپكارلارنىڭ ئالدى كەينى 3 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.