
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى چېن ياۋۋېن، 1994 - يىلى قاراماي شەھىرىدە يۈز بەرگەن 8 - دېكابىر زور كۆلەملىك ئوت ئاپىتىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسىنى شەخسى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوت ئاپىتىدە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار تورداشلاردا زور غۇلا - غۇلا قوزغىدى. چېن ياۋۋېن، ئەينى چاغدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە قارىماينى زىيارەت قىلىپ، ۋەقە توغرىسىدا زىيارەت خاتىرىسى تەييارلىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى زىيارەت خاتىرىسىنى چەكلىگەنلىكتىن، بۇ زىيارەت خاتىرىسى 13 يىلدىن كېيىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولالىدى.
ئوتتۇرىدىن 13 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ۋەقەدە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا - ئانىلارنىڭ ئوي - پىكىرى بىزنىڭ قىزىقىشىمىزنى قوزغىدى.
ھاياتىدىن ئايرىلغان 323 ئادەمنىڭ 288 نەپىرى، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئىدى
1994 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاراماي شەھىرىدە يۈز بەرگەن 8 - دېكابىر زور كۆلەملىك ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 323 ئادەمنىڭ 288 نەپىرى، قاراماي شەھىرىدىكى ھەر قايسى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تاللانغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئىدى. ئەينى چاغدا قاراماي شەھەر مەركىزىدىكى دوستلۇق قۇلۇبىدا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى قارشى ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىۋاتاتتى.
شۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە زادى نىمە ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ؟ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇخبىرى چېن ياۋۋېن، زىيارەت خاتىرىسىدە قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ سەھنىگە چىقىپ،" ساۋاقداشلار جايىڭلاردىن مىدىرلىماڭلار، ئالدى بىلەن رەھبەرلەرگە يول بېرەيلى"، دېگەن سۆزىنى تەنقىدلىدى ۋە بۇ سۆزنىڭ زالدىكى 288 نەپەر ياش ئۆسمۈرنىڭ پاجىئەلىك ھالدا كۆيۈپ ئۆلۈشىدە جاۋاپكارلىقى بار، دەپ يازدى.
"قىزىم ھايات بولغان بولسا، 20 ياشلارغا كىرىپ قالاتتى"
چېن ياۋۋېن، بۇ سۆز نۇرغۇن ئۆسمۈرلەرنى سەھنە ئالدىدىكى ئەمەلدارلارغا يول بېرىشكە يېتەكلەپ، ئۆسمۈرلەردە ئۆلۈم - يېتىمنىڭ كۆپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى، لېكىن سەھنە ئالدىدىكى " رەھبىرى كادىرلار" ئوت تۇتاشقان جايغا ئەڭ يېقىن يەردە ئولتۇرغان بولسىمۇ، تالاپەتكە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. رىشىد ئىمام شۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە پەرزەنتىدىن ئايرىلغان قارىمايلىقلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، رادىئومىزنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، "قىزىم ھايات بولغان بولسا، 20 ياشلارغا كىرىپ قالاتتى،" دەيدۇ.
ئوت ئاپىتىدىن كېيىن قاراماي شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئوت ئاپىتىدە جاۋاپكارلىقى بار، دەپ قارالغان 14 كىشى ئۈستىدىن جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ دىلو تۇرغۇزغان. جاۋاپكارلارنىڭ ئىچىدە قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى فاڭ تيەنلۇ، شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى كۇئاڭ لېي قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بار بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئەينى چاغدىكى سەھنە ئالدىدا ئولتۇرغان " رەھبىرى كادىرلار" ئىدى.
لېكىن بۇ دىلودا، سوت مەھكىمىسى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ساراينىڭ ئابلەت ئىسىملىك مۇئاۋىن دېرىكتورىنى ۋەقەنىڭ باش جاۋاپكارى، دەپ مۇقۇملاشتۇردى. ئەنگىلىيە " يەكشەنبىلىك تايمىز" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاۋاپكارلارنىڭ ئالدىغا 7 يىللىق، كەينىگە 4 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئالدى 2 يىل، كەينى 3 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. (ئەركىن)