ناھىيە كېڭەيتىلمەكتە، دېھقاننىڭ ھايات يولى تارايماقتا (قاراقاش دېھقانلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت 1)

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە بېيجىڭنىڭ نىشانلىق ياردەم قۇرۇلۇش تۈرى نامىدا ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەھەر كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، ناھىيىگە چېگرىداش 16 يېزىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى زور زىيانغا ئۇچراتماقتا.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار.
RFA

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ناھىيىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قوللانغان يەر سۈرۈش تەدبىرى پەقەت ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بىڭتۇەن ۋە خىتايلار ئولتۇرۇشلۇق ئۈچ يېزا بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن، ئۆز يەرلىرىنى ناھىيىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە توغرا كەلگەن دېھقانلارنىڭ تارتىۋاتقان زىيانلىرى ۋە بۇ ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر ئاز ئەمەس.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن قاراقاشتىكى يېرى بىلەن تەڭ 20 يىلدىن ئارتۇق پەرۋىش قىلغان ياڭاق دەرەخلىرىدىن ئايرىلغان بىر دېھقاننىڭ نارازىلىق بايانلىرىنى مۇخبىرىمىز تەييارلىغان سۆھبەت پروگراممىسىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت