ناھىيە كېڭەيتىلمەكتە، دېھقاننىڭ ھايات يولى تارايماقتا (قاراقاش دېھقانلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت 2)

ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئادالەتسىز تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يەر سۈرۈشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەر يەشمەك تەس بولغان زەنجىرسىمان مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئايلانغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
توقسۇننىڭ غولبۇيى يېزىسىدىكى 410 مىڭ مو يايلىقى تارتىۋېلىنغان چارۋىچىلار. 2012-يىلى يانۋار.
توقسۇننىڭ غولبۇيى يېزىسىدىكى 410 مىڭ مو يايلىقى تارتىۋېلىنغان چارۋىچىلار. 2012-يىلى يانۋار.
RFA/Shohret Hoshur

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەنگە قاراتقان نىشانلىق ياردەم مەبلىغى بىلەن بۇلتۇر 11-ئايدا ئىش باشلىغان قاراقاش ناھىيىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك زېمىننى، دائىرىلەر قوشنا يېزا ۋە كەنتلەردىن دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى سۈرۈش تەدبىرى ئارقىلىق ھەل قىلىۋاتقان بولۇپ، گەرچە دائىرىلەر قاراقاش ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەھەر كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى قاراقاش دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش، ئوقۇش ۋە داۋالىنىش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلق ئەمىنلىك قۇرۇلۇشى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلۇشتىن دېھقانلار نارازى.

چۈنكى، يەر سۈرۈشتە دائىرىلەر، يېرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە توغرا كەلگەن دېھقانلارغا باشقا كەنتلەردىكى دېھقانلاردىن سۈرۈپ ئالغان يەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ يەردىكى مەھسۇلاتىنى، بولۇپمۇ سورتلۇق ياڭاقلىرىنى قانداق تەقسىملەش ۋە تۆلەم ئىشلىرىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئادالەتسىز تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يەر سۈرۈشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەر يەشمەك تەس بولغان زەنجىرسىمان مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئايلانغان. قاراقاشنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا يەر-زېمىنلىرى يەر سۈرۈش خەرىتىسىگە ئېلىنغان دېھقانلار ئوخشىمىغان تەقدىر-قىسمەتلەرگە يولۇقماقتا. تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ھازىرغىچە ئاشكارا بولغان مەسىلىلەر.

قاراقاشنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى، سىرتتىن يۆتكەپ كېلىنىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىش ئورنى ۋە تۇرالغۇ تەييارلاش ئىكەن.

بۇنىڭ ئۈچۈن 16 يېزىدىكى پەقەت ئۇيغۇر دېھقانلار يەرلىرىنى سۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

يەر سۈرۈش دېھقانلارنى ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىتىپ نارازىلىق پەيدا قىلغان. نارازى بولغانلار تەقىبگە، تەھدىتكە ئۇچرىغان.

يەر سۈرۈش ۋە تەقسىملەش جەريانىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئادالەتسىزلىكى دېھقانلار ئارىسىدىمۇ زىددىيەت ئۇرۇقى چاچقان.

بەزى يالغۇز ۋە تۇل دېھقانلار بولسا تېخىمۇ ئادالەتسىزلىككە يولۇقۇۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇلارغا پەقەت جان بېقىش ئۈچۈنلا بىر مو يەر بېرىپ قويۇپ، قالغان يەرلىرىنى ھەقسىز تارتىپ ئالغان، ھەمدە ئەگەر يەرلىرىنى تاپشۇرۇشقا قېتىلمىغان ئاجىز، قېرى-چۈرىلەرنى بولسا، ھاشارغا قىستاش ئارقىلىق يېرىنى بوشىتىشقا مەجبۇر قىلغان. جىلغا يېزىسىدىن 80 ياشتىن ئاشقان يالغۇز مومايمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

ئاقساراي يېزىسىدىن يەنە بىر دېھقان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ناھىيىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېلىنىۋاتقان يەر سۈرۈش تەدبىرىنىڭ پۈتۈن دېھقانلارنى نارازى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى ھەم دادىسىنىڭ يېرى بىلەن تەڭ، ياڭاقلىرىنىڭمۇ يەر سۈرۈشكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن دېھقانلارنى نارازى قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى قاراقاش يېزىلىرىدىكى دېھقانلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ داۋامىدىن ئاڭلايمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت