ساقچىلار قاراقاش ناھىيە بازىرىدىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
2008.03.30
تۈنۈگۈن، خىتاينىڭ بىر ھەپتىدىن بېرى سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان، خوتەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن 23 - مارت نامايىشىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. بۈگۈن رادىئومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن يەنە بىر ئىنكاستا، 23 - مارت كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيە بازىرىدىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى مەلۇم بولدى.
بىز قاراقاش ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ چىنىۋاغ ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ساقچىلار ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى . ئەمما تەپسىلاتى ئۈستىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
قاراقاشتىكى ۋەقە ھەققىدە بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن ئىنكاستا ، قاراقاش ناھىيىسىدە كىشىلەرنىڭ نامايىش ئۈچۈن توپلانغانلىقى، ساقچىلار نامايىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ۋە تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغاندا تەرەپلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ساقچى تەرەپ بۇلاردىن پەقەت ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىلا ئېتىراپ قىلدى. ئەمما نامايىشقا توپلاشقانلارنىڭ سانى ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىپ - بەرمىگەنلىكى ۋە توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسى تېخىچە سىر پېتى تۇرماقتا.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قاراقاش ناھىيە چىنىۋاغ ساقچى پونكىتى بىلەن ئېلىپ بارغان قىسقا بىر سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىيالايسىز. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 23 - مارت خوتەن ئاياللار نامايىشى: 600 كىشى قاماقتا
- ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سۈيىقەستلىرى
- مەسچىتلەردە كادىر يوقلىما دەپتىرى
- تىبەتتىكى نامايىشنى دالاي لاما كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟
- تىبەتلەر ' قارلىق تاغدا شىر' بەلگىلىك دۆلەت بايرىقىنى پۈتۈن دۇنيادا لەپىلدەتتى (1)
- خىتاي تىبەتلەرنىڭ ھەرىكىتىگە تېررورىزم جىنايىتى ئارتىشقا قەدەم باسماقتا
- ۋەتەندىن خەت: "رابىيە قادىر بىزنىڭ ۋەكىلىمىز ھەم يولباشچىمىز "
- تورونتودا تىبەتلىكلەرنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
- ۋاڭ لىشوڭ: نامايىش قىلىۋاتقانلاردىن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ غەزىپى كۈچلۈك
- خىتاي، تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۆلەمدە ھەربىي كۈچلىرىنى ئىشقا سالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشتا دالاي لامانىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- بىر تۈركۈم خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ تىبەتتىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا ئىنكاسى