
غۇلجىنى زىيارەت قىلىۋاتقان رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئەما خارىسسون (Emma Graham-Harrison) سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
"ھەر قانداق بىر قىزىققاق زىيارەتچى مەيلى مەسچىتلەرگە بارسۇن ۋە ياكى بازارلارغا بارسۇن، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىن ئوخشاشلا بىر گەپكە ئېرىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، 'بىز سۆزلەشكە پېتىنالمايمىز' . نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ سۆزنى ئاستا پىچىرلاپ كېتىپ قالىدۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى بىرەر- ئىككى يۈرەكلىكرەكى ئەتراپقا سەپسىلىۋېتىپ، قۇلاق كەستىلەرنىڭ يوقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى، خىزمەت تاپماقنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى، بالىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ قانچىلىك چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىدۇ".
سۆزلەشكە پېتىنغانلار تۈرمىگە تاشلامنماقتا
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى 1949 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگەندىن بۇيان، بۇ رايوننى قاتتىق كونترول قىلماقتا ۋە مىليونلىغان خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىدا ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. سۈرگۈندىكى پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنى تەنقىد قىلىشقا پېتىنغان ھەر قانداق ئۇيغۇر تۈرمىگە تاشلانماقتا.
خارىسسوننىڭ ماقالىسىدە تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى بېيجىڭ ئۈچۈن ئىنتايىم مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتايدىكى نېفىت بايلىقىنىڭ ئۈچتىن بىرى، كۆمۈر بايلىقىنىڭ 40٪ ئى ئۇيغۇر ئېلىدە. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق، تەبئىي بايلىققا مول ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن چىگرالىنىدۇ.
خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلگۈنچىلىك ئامىللىرى ۋە تېررورچىلىق ئىدىيىلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن قاتتىق ۋاستىلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 19 مىليون خەلقنىڭ ئىناق ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۈرۈمچىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بەيخۇئا مەزكۇر رويتىرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق نارازىلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلىپ، "ئوساما بىن لادىن ۋە تالىبانلار بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىمىزغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
ئۆز - ئارا ئىشەنمەسلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتقان
ھەر قانداق بىر قىزىققاق زىيارەتچى مەيلى مەسچىتلەرگە بارسۇن ۋە ياكى بازارلارغا بارسۇن، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىن ئوخشاشلا بىر گەپكە ئېرىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، "بىز سۆزلەشكە پېتىنالمايمىز".
ئەمما ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسى خەلق ئىچىدىكى نارازىلىقلارنى ئەسلىتىدۇ. مۇخبىرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورچىلىققا كۆرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
مۇخبىرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۇتۇق ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماختاپ كۆتۈرۈشىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىش تەغدىرىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان. رابىيە قادىر خانىم گەرچە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولسىمۇ، ئۇ ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان.
مۇخبىر ئەما خارىسسوننىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر تورىمۇ ئۆز- ئارا ئىشەنمەسلىكنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قورغاس چېگرىسىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم ئەمەلدارى، ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يەرلىك خەلققە تايىنىپ، غۇلجىدا يەنە بىر قېتىم ۋەقە چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا "ئادەتتىكى پۇقرالار ئىنتايىن سەزگۈر. ئۇلار ھەر قانداق بىر مەسىلىنى بايقىغان ھامان ئۇدۇل ھۆكۈمەتكە ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا بېرىپ ئۇنى مەلۇم قىلىدۇ" دىگەن.
ئەمما مۇتەخەسىسلەر، ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئۆز مەدەنىيىتى ئىدارە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى تولۇق بېرىلسە، ئۇ ھالدا، بۆلۈنۈشنى خالايدىغانلارنىڭمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بېيجىڭنىڭ ئۇنچىلىك قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىشسىزلىق، دىنىي بېسىم
رويتىس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئەما خارىسسون ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان:
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ غەربتىكى كەمبەغەل ئۆلكىلەرنى ئېچىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەسەت قىلغۇدەك گۈللۈنۈشلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانچە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ.
"خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ غەربتىكى كەمبەغەل ئۆلكىلەرنى ئېچىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەسەت قىلغۇدەك گۈللۈنۈشلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانچە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. خىتايلار كۆپرەك ئوقۇغان، يولى بار، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل ياردەملىرىگە ئاسان ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشىشىنى ئىنتايىن تەسلەشتۈرىدۇ".
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بولغانلىقتىن، خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇشنى خالىمايدۇ ۋە ياكى ئەزالىققا ئېلىنمايدۇ. ھالبۇكى خىتاي كومپارتىيىسىگە قاتنىشىش ياخشىراق بىر ئورۇنغا ئىگە بولۇش يولى ھېسابلىنىدۇ.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى كۈزەتكۈچىسى نىكولاس بەكۇلىن ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىننى قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مىللەتچىلىك ھىسسىياتنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئىسلام دىنى ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقى باستۇرۇش نىشانى ئەمەس. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاش ۋە نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قاتتىق باستۇرماقتا.
ماقالىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەپ، 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ دىنىي تەربىيە ئېلىشىنى، مەسچىتلەرگە بېرىشىنى مەنئىي قىلغان. ئىماملار بولسا ھەر يىلى بىر قېتىم ئىماملىق كېنىشكىسىنى يېڭىلىشى كېرەك بولۇپ، ئۇلار چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىشى كېرەك. شۇڭىمۇ غۇلجا بازىرىدىكى بىر خېرىدار جىددىيلەشكەن ھالدا، مۇخبىرغا "مەسچىتلەر سىرتتىن قارىسا ئەركىندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل بېسىملار بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
ئوخشىمىغان تەسىرات
ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان "خەلق سۈرئەتلىك گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى ۋاڭ چې رويتىرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭكىدىن پۈتۈنلەي باشقىچە تەسىراتقا كەلگەن.
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، ۋاڭ چېنىڭ 20 يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنى قايتا زىيارەت قىلغىنىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەردىن ھەيران قالغانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلغان.
ۋاڭ چى "مەن ئۈرۈمچىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، دۆلەتنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا زور تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. يەرلىكنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە بولامدۇ، ئاساسىي ئەسلىھەلەردە بولامدۇ ۋە ياكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا بولامدۇ زور ئىلگىرىلەشلەر بوپتۇ. بۇندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن" دېگەن. (ئارزۇ)