ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ب ب س مۇخبىرىنىڭ ھېس قىلغانلىرى


2005.12.02

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرى سوماۋېل ئەپەندى ئېلان قىلغان " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنى قاتتىق كونترول قىلماقتا " دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىدە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، كۆپلىگەن ۋاقىتلاردا پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇنى نازارەت قىلىپ يۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن پاراڭلىشىشتىن ئىنتايىن قورقىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلاردىن قېچىپ يۈرۈپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن قىسقىچە سۆھبەتلەردە بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

ئىسلام ھەققىدە ھەقىقىي تەلىم – تەربىيە ئېلىش تەس

ئاپتور ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئېتىقات مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن سۆھبەتتە بولغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن مەزكۇر جايدا ھەقىقىي ئىسلام ھەققىدە تەربىيە ئېلىشنىڭ ئىنتايىن تەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ھېس قىلغانلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن:

"بۇ يەردە، ئىسلام ھەققىدە ھەقىقىي تەلىم - تەربىيە ئېلىش ناھايىتىمۇ تەس ئىكەن. مەسىلەن، بۇ يەردىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئۆتىلىدىغان دەرسلىكلەر 2000 مايىل يىراقلىقتىكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كونترولى ئاستىدا بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەسدىقىدىن ئۆتىشى كېرەك ئىكەن. ئىماملار ئۈچۈن سىياسىي ئۈگىنىشلەرگە قاتنىشىش شەرت ئىكەن، ھەتتا دەرس ئۆتۈشتە، قۇرئاننىڭ قايسى قىسمىنى سۆزلەش ياكى سۆزلىمەسلىك ھەققىدىمۇ مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن ئىكەن".

قانۇندا بەلگىلەنگەن دىنىي ئەركىنلىك ئەمەلىيەتتە يوق

ئاپتور ماقالىسىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنى ۋەزىيەت ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق يازغان:

"كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلام مۇخلىسلىرىنى باستۇرىۋاتقانلىقى ھەققىدە قاتتىق ئەيىبلىمەكتە. گەرچە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ئەركىن ھالدا ئۆز ئالدىغا دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بۇ ھەقتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسىسسى نىكولا ئەپەندى " ئۇيغۇرلار ھازىر بەكمۇ چوڭ خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە، ئۇلار ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ئىش قىلماي، پائالىيەتلەرنى ئۆز ئالدىغا خالىغانچە ئېلىپ بارىدىكەن، ئۇلار ھەر زامان قولغا ئېلىنىش، قاماپ قويۇلۇش، قىيىن - قىستاقلارغا ئېلىنىش ھەتتا سوتلىنىش قاتارلىق خەتەرلەرگە ئۇچرايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا مەنچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچكىم ئۆز ئىرادىسى بويىچە دىنىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنالمايدۇ".

ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنى بەكمۇ تەس

ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان سوماۋىل ئەپەندى " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنى قاتتىق كونترول قىلماقتا " دېگەن تېمىدىكى بۇ ماقالىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر مەسچىتنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

"بۇ يەردىكى بۇرۇنقى مەسچىت بىر نەچچە يىل ئىلگىرى چېقىۋېتىلگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى قىياپىتى پۈتۈنلەي يوق بولغان، ھازىرقى مەسچىتنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە كالىفور سودا سارىيى ۋە كىنتاكى توخۇ كاۋىپى ئاشخانىسى قاتارلىقلار قوشۇپ سېلىنغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغانلار زور تەسىرگە ئۇچرىغان. مەسچىت ئەتراپىدا يۈرگەن ئۇيغۇرلار بىز بىلەن گەپلىشىشتىن بەكمۇ قورقاتتى. چۈنكى بۇندىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن پاراڭلاشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، قاماقتا ياتقان ئىكەن. بىز ئارقىمىزدا ئەگىشىپ يۈرگەن پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىدىن ئۆزىمىزنى دالدىغا ئېلىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ، مەسچىت ئەتراپىدا يۈرگەن بىر ئۇيغۇر بىلەن قىسقىچە سۆھبەتتە بولدۇق. ئۇ بىزگە مەزكۇر جايدىكى ئىلگىرىكى مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلىپ قايتا سېلىنغانلىقىغا ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، " مەسچىتنى بۇنداق ئۆزگەرتىپ سېلىش پەقەتلا قاملاشمىدى. بۇ بىزنىڭ ئېتىقات قىلىدىغان جايىمىز تۇرسا، ھازىر ئۇنىڭ ئاستىغا سودا سارىيى ۋە ئاشخانىلار سېلىنىپ، ناماز ئوقۇغىنىمىزدا، ۋاراڭ - چۈرۈڭ ئىچىدە ئۆز ئاۋازىمىزنى ئاڭلىيالمايمىز " دەپ قاقشىغان. ئۇ سۆزلەۋېتىپ تۇيۇقسىز ناھايىتى ئېھتىيات قىلغان ھالدا " ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنى بەكمۇ تەس بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئەگەر مېنىڭ ب ب س مۇخبىرلىرى بىلەن پاراڭلاشقانلىقىم ئاشكارىلىنىپ قالسا، بالاغا قالىمەن" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى".

ب ب س مۇخبىرى سوماۋىل ئەپەندى " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنى قاتتىق كونترول قىلماقتا " دېگەن تېمىدىكى بۇ ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدىمۇ توختالغان، ئۇ، شىمالىي رايونلاردا يەر ئاستى بايلىق ئىنتايىن مول ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان ئاققۇنلار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئاز مەنپەتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (مېھرىبان )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.