ئىتالىيىلىك تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى
2007.02.22
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ غەرب سىياسىي سەھنىسىدە بارغانسېرى كەڭ ئورۇن ئېلىشى، تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتچىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىگە جەلىپ قىلماقتا. يېقىندا دۇق باش شتابىغا زىيارەتكە كېلىپ، قانچىلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئىلمىي سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ئىتالىيىلىك بىر تەتقىقاتچى ئايالنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.
ۋاقتىنچە ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن بۇ دوكتۇر ئايال ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللىرىدىن ئاز " تولا مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەھدىتى تۈپەيلى ئۆز يۈرەك سۆزلىرىنى ئاشكارىلاشتىن قورقىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەۋاتقانلىرى بىلەن چەت`ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاتقانلىرى ئارىسىدا ئاسمان " زېمىن پەرق بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى ئەلقائىدە گۇرۇھىغا چېتىپ باستۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئۆزىگە چۈشىنىكسىز بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بارلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىدىن ۋە دۇق رەھبەرلىرىدىن مەلۇمات ئىگىلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئىتالىيە خەلقىنى ۋاقىپلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ دۇق باش شىتابىغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىتالىيىلىك بۇ دوكتورىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۇق باش شىتابىغا كەلگەن بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئۇ ئوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ: سىز ۋەتىنىڭىزنىڭ مۇستەقىل بولىشىنى خالامسىز؟“ دېگەن تۇنجى سوئالىغا ھەممىلا ئۇيغۇر ئاياللىرى "ئەلۋەتتە خالايمەن، بارلىق ئۇيغۇرلار خالايدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە سوئال سورىغاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ سىياسىتى ئاپ ئاشكارە نەسىل قۇرۇتۇش قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت. دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپەيگەندىن كېيىن، خىتايلار يەنە بىر سىياسەت بىلەن ھەپىلىشىۋاتىدۇ. يەنى خىتايلار ئەمدى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆپلەپ يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ" دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئىتالىيىلىك بۇ دوكتۇر ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى رەسمىي ئىش ئورۇنلىرىدا خىتاي بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە شۇنداقلا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئەيدىس كېسەللىكى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە سوئاللار سورىغان. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بەرگەن جاۋاپلىرى ئىتالىيىلىك تەتقىقاتچىنى ھەيران قالدۇرغان. ئىش ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسپىتىنىڭ 5%كىمۇ يەتمەيدىغانلىقى، بارلىق كۆلىمى چوڭ كارخانىلارنىڭ خىتايلارنىڭ مونىپولى ئاستىدا تۇرىدىغانلىقى، ئاتالمىش ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ تامامەن كۆز بويامچىلىقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش ئىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى، زەھەرلىك چېكىملىك كېسىلىنىڭ قىسقىغىنا 10 يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىگە يامراپ بولغانلىقى قاتارلىق ئىنكاسلار، بۇ تەتقىقاتچىنى خىتاينىڭ ساختا مەلۇماتلىرى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغان.
ئىتالىيىلىك تەتقىقاتچى ئايالنى قىزىقتۇرغان مەسىلە - ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ " ئادەت ئەركىنلىكىنىڭ تامامەن خىتاي كونترولى ئاستىدا تۇرىدىغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ئەركىنلىكلەرگە ئىنتىلىپ خىتاي تۈرمىلىرىگە بەنت قىلىنغانلىقى، ھەتتا ئىچكىرى خىتايدىكى خىتاي مىللىتى ئىگە بولغان ھەق " ھوقۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلاردا يوقلىقى، يېقىنقى يىللاردا خىتايلار ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرى، ئۆرپ - ئادەت بۇزغۇنچىلىقلىرى ۋە خىتايلارنىڭ ھەر يىلى ھەر خىل باھانىلاردا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇرمىلارغا بەنت قىلىدىغانلىقى، ھەر يىلى دېگۈدەك ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقى قاتارلىق كەڭ ۋە ئەقەللى تېمىلار بولغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خىتاي تەشۋىقاتىدىن ئۆگەگەن بۇ تەتقىقاتچى، بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن مەلۇماتلارنى ھەمدە دۇق تەمىنلىگەن ئاخپاراتلار ۋە دەلىللەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە باشقىدىن ئىزدىنىشكە بەل باغلىغان.
ئىتالىيىلىك بۇ تەتقىقاتچىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تۇرمۇش قۇرمايدىغانلىقى ھەيران قالدۇرغان. ئۇ زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشتىن يىرگىنىدىغانلىقىنى، خىتايلارنى پەس ۋە مەينەت كۆرۈدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مانا مۇشۇنداق دىنسىز ھەم رەزىل بىر مىللەتنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغانلىقى قاتتىق ئۆكۈندۈرىدىغانلىقى بىلىپ، بۇنداق بىر مىللەت ھەرگىز يوقالمايدۇ، دېگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى ئونۇر ئۆيمەن بىلەن ئۇچراشتى
- فرانسۇز تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى
- ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتىدا
- د ئۇ ق ياشلار كومېتىسى ۋە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى خىتايغا قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكىلىق پروفېسسورنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى قاراشلىرى