Dru Gladney تورونتو ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەردى


2006.04.14
oil-bugur-nefit.jpg
2003-يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى بۈگۈر ناھىيىسىدىكى بىر نېفىتلىكتە تارتىلغان رەسىم. Dru Gladney نىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىسىز خىتاينىڭ ھازىرقى ئىختىسادىي تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. AFP

ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس Dru Gladney ئالدىنقى كۈنى كانادانىڭ تورونرو ئۇنىۋېرسىتىدا "خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە دۆلەت ھالقىغان ئىسلام -يەرشارى خارەكتېرلىك يېڭى مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلامدۇ؟" دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ ئۆتتى.

پروفېسسور Dru Gladney دوكلاتىدا خىتايدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان مىللەتلەر ئىچىدە نوپۇس سانى جەھەتتە ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنى، باشقا مۇسۇلمانلار يەنى تۇڭگانلار، قازاقلار بىلەن، دىنى ئېتىقات، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، تارىخ، مىللى پىسخىكا ۋە ئېتنوگرافىيىگە ئوخشاش جەھەتلەردىن ئوزئارا سېلىشتۇرىدۇ.

Dru Gladney نىڭ قارىشىچە، تۇڭگان، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئۈچ مىللەت خىتايدىكى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان ئەڭ ئاساسلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ. 8 مىليون 600 مىڭ نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرلاردىن تۇڭگانلارنىڭ نوپۇسى سانى بىراز كوپ بولۇپ، خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاھالە 20 مىليوندىن ئاشىدىكەن.

Dru Gladneyنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئەزەلدىن مۇسۇلمان مىللەتلەرگە سەل قارىغان ۋە ئۇلارنى چەتكە قېقىپ كەلگەن. خىتاينىڭ دۆلەت ئاتىسى ھېسابلانغان ۋە دېموكراتك ئاڭغا ئىگە دەپ قارالغان سۇن جوڭسەنمۇ 5 مىللەت نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، مانجۇ، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىقلارغا ئايرىم مىللەت مۇئامىلىسى قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر، تۇڭگان. قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى مۇسۇلمان كاتوگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل مىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان.

ئۇيغۇر رايۇنى خىتايدىكى چەكلەنگەن رايون

خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا ئىلگىرىكى بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ رايوندىكى نېگىزلىك مەسىلىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. پروفېسسور Dru Gladney مۇنداق دەيدۇ:

شەرقى تۇركىستان ئۇيغۇرىستان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ مەسىلىسى مۇھىم بىر ئۇقۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە شىنجاڭ مەسىلىسىنى كۆرمەسكە سالدى ۋە ئۇنى يوشۇرۇپ كەلدى. خىتاينىڭ مەلۇماتىدا، بۇ رايوندا ھېچقانداق مەسىلىنىڭ يوق ئىكەنلىكى، بۇ يەرگە ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، بۇ رايۇننى تەرەققى قىلدۇرىۋاتقانلىقى، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ خوشال-خورام ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. بىز ئىلگىرى تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىنلا خەۋەردار ئىدۇق. شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە ماقالىلار ئوتتۇرىغا چىققىلى ئەمدىلا 5 يىل بولدى. خىتايدا تۈركىي خەلق، تۈركىستان ۋە شەرقى تۈركىستان دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار 10 يىلنىڭ ئالدىدا يوق ئىدى. ھازىر بۇ ئاتالغۇلارنى ھەممىلا يەردىن، كىتابلاردىن، گېزىت – ژورناللاردىن كۆرۈش مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى بىلەن 8 دۆلەت چېگرىلىنىدۇ. بۇنىڭ 5 مۇسۇلمان دۆلەتتۇر. شۇڭا شىنجاڭ مەسىلىسى تىبەت مەسىلىسىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ، دەيدۇ.

ئۇيغۇرلار تارىختا مۇستەقىل گەۋدە قۇرغان خەلق

ئۇيغۇر رايۇنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر رايۇنىسىز خىتاينىڭ ھازىرقى ئىختىسادىي تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا خىتاي ئۆزىنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنڭ مۇقىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلماقتا. ئۇلار بۇ مۇقىملىقنى بۇ رايونغا قارىتا كۆپلەپ كۆچمەن كۆچۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق سىياسەت قوللىنىشقا ئوخشاش ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولماقتا

Dru Gladney دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنى تۇڭگانلار بىلەن ئوزئارا سېلىشتۇرىدۇ. خىتايدا تۇڭگانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا بىر قەدەر كەڭرەك دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، ئەنئەنە، ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتلەردىن خىتايلارغا يېقىنراق ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تارىختا مۇستەقىل سىياسى گەۋدىسى بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:

ئۇيغۇرلار تۇڭگانلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخى بار. ئۇلار خىتاينىڭ كونتروللىقىغا تېخى يەقىندىلا ئۆتكەنىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى خىتاينىڭ نەچە مىڭ يىللىق تارىخىغا زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇرلار چىراي شەكىل جەھەتتىن خىتايدىن پەرقلىنىپلا قالماستىن، يەنە گەن جەھەتتىنمۇ روشەن پەرقلىنىدۇ. لېكىن مۆتىدىل دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار، دىنىي ئېتىقات ۋە سىياسى كۆزقاراش جەھەتلەردىن قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا. ھازىر گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى پاكىستانلىقلار تەرىپىدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە سېتىلغان

ھازىر گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى پاكىستانلىقلار تەرىپىدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە سېتىلغان

ھازىر ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىدە 22 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ. نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تۇتۇلدى ؟ بۇنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار يوق ؟

شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتالغان، زىددىيەتلەر بىلەن تولغان بۇ تۇپراقتا 8 مىليودىن 9 مىليونغىچە ئۇيغۇر ياشايدۇ. بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر بولسا چەتئەللەردە ياشىماقتا.. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇستەقىللىق ئەنئەنىسىمۇ بار. ئۇ يەردە قوراللىق ھەرىكەتلەرمۇ بولغان.

گۇئانتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسمى، پاكىستاندا، شەرقى تۈركىستانلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنىپ، 5 مىڭ دوللارغا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە سېتىلغان ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇلارنىڭ كۆپلىرى تالىبان بىلەن ئالاقىسى يوق، دەيدۇ. ئامما ئۇ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستانغا يىغىلىشىنى دۆلەت ھالقىغان ئىسلامى بىلەن ھەركەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

Dru Gladney دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى 1998-يىلى باشلىغانلىقىنى ئامما 2000-يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، كۆپلىگەن زاتلارنىڭ مىللى بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغانلىقىنى، قولغا ئەلىنغانلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرىشتىكى ياخشى پۇرسەت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر رايۇنى خىتاينىڭ ئىختىسادىي تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل

Dru Gladney دوكلاتىدا يەنە ئېنېرگىيە ئېھتىياجى بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاينىڭ يېڭى شاھمات ئويۇندا ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئالاقىسىنىڭ بۇ رايون ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ئىنتايىن مول بولغان نېفىت مەنبەسى بار. خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى بۇ رايۇننى تېخىمۇ ئۇنىڭغا باغلايدۇ. خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىدا بۇ رايون مەركىزى رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ بۇرۇنقى رەھبەرلىرى دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ھازىرقى رەھبەرلىرى ئۇيغۇر رايونىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر رايۇنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ قالدى.. ئۇيغۇر رايۇنىسىز خىتاينىڭ ھازىرقى ئىختىسادىي تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا خىتاي ئۆزىنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنڭ مۇقىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلماقتا. ئۇلار بۇ مۇقىملىقنى بۇ رايونغا قارىتا كۆپلەپ كۆچمەن كۆچۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق سىياسەت قوللىنىشقا ئوخشاش ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولماقتا، دەيدۇ.

مۆتىدىل قاراشتىكى ئۇيغۇرلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتاي دائىرىلىرىگە رادىكال ۋاسىتىلەر بىلەن جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن

Dru Gladneyنىڭ قارىشىچە، يەنە خىتاينىڭ بۇ رايونغا كۆپلەپ كۆچمەن كۆچۈرۈش پلانى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى خىتاينىڭ بۇ رايوننىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

Dru Gladney دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنى ئوتۇرا شەرق ۋە پارىس قولتۇقى رايونىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا بىرقانچە دىنغا ئېتىقات قىلغانلىقى، شەرقى تۈركىستاننىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت جەم بولغان رايون بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادىنىڭ مۇلايىم ۋە مۆتىدىل ئىكەنلىكىنى، ئوتۇرا شەرقتىكى رادىكال ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسەتتى.

پروفېسسور Dru Gladney، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرسا، مۆتىدىل قاراشتىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئاخىرى رادىكال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاۋاپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ، چاغدا ئەڭ چوڭ مۇقىمسىزلىق بۇ رايوندا يۈز بېرىدۇ، دەپ ئەسكەرتىپ ئۆتتى. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.