ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شەرقىي چېگرىدىكى قاراسۇنى ئىگىلىدى

كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئەندىجاندا يۈز بەرگەن ئۆتكەن ھەپتىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار مىڭغا يېتىدىكەن. بۇ مەلۇماتنى مەركىزى ۋىئانادىكى خېلسىنكى كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيىسى بىلەن ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ئېلان قىلدى.

ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تالىك يابۇكوۋنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئۆزبېكىستاندا كەرىموۋ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭنىڭ يەنە يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى كۈچلۈككەن.

پرېئىزدېنت كەرىموۋ، ئەندىجاندىكى نامايىشچىلارنى چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئەسەبىلەر، دەپ ئەيىپلىمەكتە. ئۆزبېكىستان پرېئىزدېنتىنىڭ تەكىتلىشىچە، نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا 169 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ 32 نەپىرىنى ئەسكەرلەر ئىگىللەيدىكەن. بۇ ئارىدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قىرغىزىستان چىگرىسىغا جايلاشقان قاراسۇنى ئىشغال قىلغانلىقىنى جاكالىدى. پەيشەنبە كۈنى 200 كىشىلىك ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قاراسۇغا كىرگەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ قاراسۇدىكى پۇقرالارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قاراسۇنى ئىگىللەش ھەرىكىتى مەزكۇر ناھىيىدىكى كەرىموۋ ھۈكۈمىتىگە قارشى ئىسيانچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىمىغان. ئەندىجاندا يۈز بەرگەن ئۆتكەن ھەپتىدىكى نامايىش، ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان چىگرىسىدىكى قاراسۇغا كېڭەيگەن. ئىسيانچىلار ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇدىغانلىقىنى جاكالىغان شۇنداقلا 5 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەييارلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قاراسۇنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئەسكەرلەر مەزكۇر ناھىيىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ رەھبىرى بەختىيار راخىموۋنى قولغا ئالدى. بۇنىڭ بىر كۈن ئالدىدا چارشەنبە كۈنى قاراسۇنىڭ پۇقرالار قولىغا ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان رەخىموۋ، " بىز قۇرئاننى ئاساس قىلغان ئىسلام دۆلىتى قۇرۇمىز"، دەپ جاكالىغان ئىدى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنى ئەنجاندىكى ئىسيانچىلارغا قالايمىقان كۈچ ئىشلىتىش بىلەن تەنقىدلىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىچارد بوۋچېر، " ۋەقە توغرىسىدىكى مەلۇماتلار شۇنداقلا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى كىشىنى بىئارام قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا قالايمىقان كۈچ ئىشلىتىش بىلەن ئەيىپلىگەن رىچارد بوۋچېر، ئۆزبېك قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قالايمىقان كۈچ قوللۇنىشى نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مىكلىلان، كەرىموف ھۆكۈمىتىنى "قورالسىز پۇقرالارغا قالايمىقان كۈچ قوللىنىش بىلەن بىلەن تەنقىدلىگەن. مىكلىلاننىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاندا ئاشكارە ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر ھۆكۈمەتنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئەمما كەرىموۋ ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، " بىز ئۆزبېكىستان ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى شۇنداقلا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايمىز،" دىدى. كوڭ چۈئەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزبېكىستان پرېئىزدېنتى ئىسلام كەرىموۋ، 25 - مايدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن. (ئەركىن)