چەكلىك بولغان قاش تېشى بايلىقى چەكسىز ئېچىلماقتا
2006.08.29

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىممەتلىك يەرلىك بايلىقلىرى، بېزەك بويۇملىرى ئىچىدە قاش تېشى بويۇملىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ئىنتايىن داڭلىق. قاش تېشىنىڭ ماكانى خوتەن. خوتەن قاش تېشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالاھىدە مەدەنىي مەھسۇلاتى سۈپىتىدە ئۇزاق تارىختىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېسىل بويۇم سۈپىتىدە تارالغان.
قاش تېشى ئۇزاق تارىخ ۋە مەدىنىيەتنىڭ ئىسپاتى
خوتەننىڭ يورۇڭقاش، قارىقاش دەريالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە دەريا ئېقىملىرىنىڭ ۋادىسى مول قاشتېشى بايلىقلىرى مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنلىنىشىچە قاش تېشىنىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارى 2مىليون 800 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن. ئەمما ئۈچ ئورۇندىلا 30 مىڭ توننا قاش تېشى قېزىشقا بولىدىكلەن. مۇتەخەسىسلەر ھازىر ئىنسانلارنىڭ قاش تېشى قېزىشڭ مىقدارىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولۇپ مكەتكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا خوتەن قاش تېشى رودىسىنىڭ تارىخى 8000 مىڭ يىللار ئەتراپىدا بولۇپ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلانغان. يېزىق بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى 4000 يىللىق تارىخىي خاتىرىلەردىن قاش تېشى توغرىسىدا نۇرغۇن رىۋايەت ھەمدە خاتىرىلەر مەيدانغا كەلگەن. 1982 - يىلى نېرەن دەريا ساھىللىرىدىن 6470 يىللار بۇرۇن ياشىغان بىر ئايالنىڭ جەسىتى تېپىلغاندا ئۇنىڭ يېنىدىن يۇمشاق قاش تېشىدىن ئۇستاتلىق بىلەن نەپىس ياسالغانقاش تېشىدا ياسالغان بىر پالتا تېپىلغان.
دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولى مەيدانغا كېلىشتىن 2000يىل بۇرۇنلا " قاش تېشى يولى " بارلىققا كەلگەن. يەرلىك خەلق قاش تېشىنى كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى، زىبۇ -زىننەت بېزەك بويۇملار سۈپىتىدە ئىشلەتلكەندىن باشقا ھەربىي قوراللارنىمۇ ياسىغان. ھەمدە ئۇ قىممەتلىك بويۇم سۈپىتىدە سودا يوللىرى بىلەن خىتاي ئىچى ھەمدە باشقا ئەللەرگە توشۇلغان. خوتەن قاش تېشىنىڭ رەسمى قېزىلىش تارىخى ئاز دېگەندىمۇ500 يىل ئەتراپىدا ئىكەن.
قىممەتلىك تاش- ئېچىش - بۇلاش- بۇزۇلۇش
نۆۋەتتە خوتەندىن تېپىلغان ئېسىل تاشلارنىڭ تۈرى 72 خىلغا، بۇنىڭ ئىچىدە قاش تېشىنىڭ تۇرىلا 44خىلغا يېتىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر بايلىقلىرىغا دائىر ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن تەۋەسىدە ئېچىلغان ھەر قايسى قانۇنلۇق قاش تېشى قېزىش كانلىرى يىلدا تەخمىنەن 280 توننا قاش تېشى قېزىۋاتقان بولۇپ، 75%ئى سۈزۈك ئاق قاش تېشى، قاش تېشىنىڭ ئاز بىر قىسمى يەرلىك خەلق ئىگىلىكىدە بولسىمۇ ئەمما كۆپ قىسمى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدۇ.
گەرچە خوتەن قاش تېشىنىڭ تۈرى كۆپ، سۈپىتى ئەلا بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ زاپاس مىقدارى چەكلىك ئەلۋەتتە. ئەمما بۇ قىممەتلىك تاشلار يىللاردىن بۇيان، قالايمىقان قازغۇچى قوشۇنلارنىڭ بۇلاڭ -تالاڭ قىلىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئىككى يىل بۇرۇن خوتەندىكى قاش تېشى ئەڭ كۆپ چىقىدىغان ئىككى دەريا بولغان يورۇڭقاش ھەمدە قارىقاش دەريالىرىدا قالايمىقان كان قېزىشنى چەكلەش ھەققىدە بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەپسۇس بۇ دەريالارغا قاش تېشىنى قالايمىقان قېزىش يەنىلا داۋام ئەتمەكتە.
شىنخۇئا تورىنىڭ دۈشەنبە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا نۆۋەتتە يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرقى ئېقىمىدا 200مىڭچە ئادەم 2000يەر قېزىش كىرانى بىلەن ھەركەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قالايمىقان قېزىش ھەرىكىتى جەريانىدا، دەريانىڭ ئىككى قېنىدا نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان، ئون نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئازگاللار پەيدا بولغان ھەم بۇنىڭ بىلەن دەريا ۋادىسىدا كەلكۈن ئاپەتلىرى يۈز بەرگەن.
خوتەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى، نۆۋەتتە قاش تېشىنى قالايمىقان قازغۇچىلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن ھەتتا تاش يول قۇرۇلۇشىمۇ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.
قاش تېشى گۆھەرلەر ئىچىدىكى گۆھەرگە ئايلانماقتا
قاش تېشى قىممەت باھالىق تاش بولۇپ ئەڭ سۈپەتلكلىرىنىڭ باھاسى نەچچە مىليون يۈئەنگە بارىدۇ. 1990يىللاردا بىرىنچى دەرىجىلىك قاش تېشى رودىسىنىڭ ھەر كېلوسىنىڭ باھاسى 300- يۈئەندىن 350 يۈئەنگىچە بولغان بولسا، نۆۋەتتە 100مىڭ يۈئەننىڭ ئۈستىگە چىققان بولۇپ ئون نەچچە يىل جەريانىدىلا قاش تېشى باھاسى نەچچە ئون ھەسسە قاتلانغان. خوتەن قاش تېشى بازىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە قاش تېشىنىڭ باھاسى تېخىمۇ تېز ئۆرلىگەن بولۇپ، قاش تېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقالىقىغا يىگىرمە نەچچە يىل بولغان بىر ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، قاش تېشىنىڭ ئۆرلىشى، قاش تېشى زاپىسىنىڭ ئازلاپ كەتكىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
قاش تېشىنى قېزىش مەزگىلى ئادەتتە پەسىلگە قاراپ بەش ئايچە بولۇپ ھازىر دەل قاش تېشى قېزىش مەزگىلىنىڭ يۇقۇرى باسقۇچى. بېيجىڭ ئۇنۋېستىتىنىڭ قىممەتلىك تاش ياقۇتلارنى باھالاش مۇتەخەسسىسى ۋاڭ نىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خوتەن قاش تېشى بايلىقلىرىنى قالايمىقان قېزىش ھەرىكەتلىرى مۇشۇنداق داۋاملاشسا، بەش ئالتە يىلدىن كېيىن خوتەن قاش تېشى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە دەريا كۆللەرنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلاندى
- خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
- خىتاي ئىقتىسادىدىكى يوشۇرۇن مەخپىيەتلىك
- خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىتنى قوغداش ھەققىدە مەخسۇس ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
- يەر شارىنىڭ كىلىماتىدىكى بىنورمال ئىللىش قانداق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت ۋە ئىچىملىك سۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا
- تارىم دەرياسى مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن ھەل بولمايدۇ؟
- خاباروۋسىكىدە خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچەيمەكتە
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەققىدە دۇنيانى ئاگاھلاندۇردى