قاشتېشى يۇرتىدا بۇنىڭدىن كېيىن قاشتېشى تېپىلارمۇ؟

0:00 / 0:00

3 - نۆۋەتلىك قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى خوتەندە ئاجايىپ داغدۇغا بىلەن باشلاندى. بۇ گۈزەل قەدىمى قاشتېشى يۇرتى نۇرغۇن ساياھەتچى مېھمانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. بايرام مۇراسىمىدا خوتەننىڭ تەرەققىياتى، بايلىقلىرى، مەدەنىيەت سەنئىتى تەشۋىق قىلىندى. خوتەن ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە كادىرلىرى بۇ بايلىق ماكانىنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئاچقۇچىلارغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا موھتاج بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى قايتا جاكارلىدى.

قاشتېشى قېزىش مۇھىتنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان

ئەمما چەكلىك بايلىق مەنبەلىرىنى شۇ خىل بايلىق ئېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ نابۇت قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى. ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە كۆزەتكۈچىلەر، قاشتېشىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قالايمىقان ئېچىلىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن كېلىپ چىقىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك بۇزۇلۇش ھالەتلىرىگە دىققەت قىلماقتا.

ئىلگىركى پروگراممىزدا ئىگىلىگىنىمىزدەك، نۆۋەتتە قاشتېشى بىر قەدەر كۆپ چىقىدىغان يورۇڭقاش دەريا ۋادىسىدا قاشتېشى قازغۇچىلارنىڭ نەچچە مىڭ كىران ماشىنىلار ئارقىلىق كېچە كۈندۈز قاشتېشى كولىشى بىلەن دەريانىڭ ئىككى ساھىلىدا چوڭقۇر ئازگاللار پەيدا بولۇپ سۇ ھەم تۇپراقنىڭ ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەسلىدىكى تەبىي مۇھىت ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

خوتەن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يورۇڭقاش دەريا ۋادىسىدا يەر كولاش كىرانلىرى بىلەن قاشتېشى كولاۋاتقانلار ئاساسەن يەرلىك خەلق ئىكەن. ئەمما بەزى يەرلىك ئادەملەردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا گەرچە قاشتېشى تېرىش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقانلار جىيە يېزىسى ۋە لوپنىڭ دېھقانلىرى بولسىمۇ ئەمما ئۇلار، قاشتېشى قېزىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ دەريا قېنىنى كۆتۈرىگە ئالغان خىتاي ئاچقۇچىلارغا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلىق ئىشچىلار ئىكەن:

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان جاۋابلىرى

بىز خوتەندە قاشتېشى قېزىش ئىشلىرىنى قەيەرنىڭ باشقۇرىدىغانلىقى، بۇ ھەقتە قانۇن ھەم نىزاملارنىڭ بار يوقلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن لوپ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەت خادىمىدىن يورۇڭقاش دەريا ۋادىلىرىنىڭ قاشتېشى قازغۇچىلار تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋىرى بار يوقلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ "قاشتېشى يۇرتىمىزنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى، ئۇنى قېزىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ بىراق كېچە كۈندۈز قازمىدى. بىز بۇ ئىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز مەخسۇس بۇ ھەقتە بەلگىلىمىلەرمۇ بار، ئۇنداق قالايمىقان قېزىش، ئېكولوگىيىنى ئېغىر بۇزۇش يۈز بەرمىدى دەپ ئىنكار قىلدى.

بىراق خوتەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تۈنۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قانۇنسىز قېزىش بىلەن دەريا ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن سىرت ئىككىنچى نومۇرلۇق تاش يولنىڭمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ قاشتېشى قېزىشتىكى بەلگىلىمىلىرى

بۇ ھۆكۈمەت خادىمى يەنە قانداق رەسمىيەتلەر ئارقىلىق قاشتېشى تېرىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ "ئۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە تۇپراق باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تېشى چىقىدىغان دەريا ۋادىلىرىنى كۆتۈرە ئالغۇچىلارغا سېتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار قاشتېشى قېزىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ ئادەتتە قازغۇچىلارنىڭ قاشتېشى قېزىپ بولغاندىن كېيىن قازغان ئورۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى شەرت قىلىنغان. مەبلەغ سالغۇچىلار يەرنى سېتىۋېلىپ قېدىرىش كىرانلىرىنى سېتىۋېلىپ دېھقانلارنى ئىشلىتىدۇ. ئادەتتە يەرلىك دېھقانلار قاشتېشىنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا شۇلار قىلىدۇ. ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ قاشتېشى قېزىشقا مەبلەغ سالغۇچىلار ئىككى ئۈچ مىڭگە بارىدۇ" دېدى.

بىز چەكلىك بولغان قاشتېشى بايلىقىنى بۇنداق قېزىۋېرىشنىڭ قاشتېشىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئويلىمىدىڭلارمۇ؟ چەكلىك بايلىقنى قوغداشقا بىرەر تەدبىر ئالماقچى ئەمەسمۇ سىلەر دەپ سورىدۇق ؟

ئۇ بۇ سوئالىمىزغا جاۋابەن "ھازىر خوتەندە قاشتېشى بايرىمى ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ، قاشتېشى خوتەننىڭ ئۈچ چوڭ گۆھىرىنىڭ بىرى، ئېچىلغان قېزىۋېلىنغان قاشتېشى ئاساسەن بازار ئېھتىياجىنى قالدۇرۇۋاتىدۇ. ئېچىلىشقا بولىدىغان بايلىقلارنى ھۆكۈمەت ئېچىش ۋە پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. قاشتېشى بايلىقىنىڭ چەكلىكلىكىنى بىلسىمۇ ھۆكۈمەت ئۇنىڭ بىر كۈنى تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، بۇندىن كېيىن ئۇنداق كەڭ ئىچىشنىمۇ ئانچە تەۋسىيە قىلمايدۇ، لېكىن بۇنى تونۇش سەل كېيىن بولۇپ قالدى. ئەگەر ئېچىشقا بولىدىغان قاشتېشى بايلىقى قالمىغان تەقدىردىمۇ، بازاردا يېتەرلىك قاشتېشى بار" دېدى.

ھۆكۈمەت ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئورۇنلار قاشتېشى بايلىقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېچىلىشىدىن جىددى بىر ئەندىشە تۇيمىغان ھەمدە قاشتېشى يۇرتىدا داۋام قىلىۋاتقان قالايمىقان قاشتېشى قېزىش ھەركىتىنى توسۇشقا ھېچقانداق بىر تەدبىر قوللانمىغان بىر پەيتتە بايلىق ۋە مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى قاشتېشى قازغۇچىلارنىڭ چەكلىك بايلىقنى چەكسىز ئېچىشى بىلەن خوتەن قاشتېشىدىن ئىبارەت قايتا شەكىللىنىشى مۇمكىن بولمىغان بۇ بايلىقنىڭ بەش يىلدا ئاساسەن يوقايدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرغا قويدى. (گۈلچېھرە)