
38 - نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە داۋام قىلماقتا. بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار قاتناشماقتا.
ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن قازاقىستاندىن كەلگەن تارىخچى قاسىم مەسۇموف ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ يىغىندا ئوغۇزلارنىڭ ئاتىلىرى كىم ؟ دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇ ماقالە تارىخچىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.
ماقالىدە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە بۇ كۆز قاراشنى ئىسپاتلاش مەقسەت قىلىنغان. تارىخچى قاسىم مەسۇموف ھازىرغىچە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە 3 كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، 4 - كىتابى يېقىندا نەشردىن چىقىدىكەن.
بىز يىغىن مەيدانىدا تارىخچى قاسىم مەسۇموف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.