ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

0:00 / 0:00
Poyiz-weqesi-200.jpg
ئۈرۈمچىگە يېقىن جايدا، 2007 - يىلى 28 - فەۋرال، يۈز بەرگەن، پويىس رېلىستىن چىقىپ كەتىش ۋەقەسى. 4 ئادەم ئۆلگەن، 100 دىن ئوشۇق كىشى يارلانغان. 120 kilometres (72 miles) east of the Xinjiang capital of Urumqi in western China 28 February 2007. At least four people were killed and over 100 injured / CHINA OUT GETTY OUT AFP PHOTO

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە دۈشەنبە كۈنى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر قاتار ئادەم ئۆلدى. ۋەقەدە يارىلانغانلار ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. قاتناش ۋەقەسى قورغاس ناھىيىسىنىڭ سۈيدۈڭ بازىرى ئەتراپىدا بىر يولۇچىلار ئاپتوۋۇزى بىلەن، بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ ئۇرۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن.

ئاپتۇۋۇزدا 40 نەپەر يولۇچى بار ئىدى

بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسى ئۈرۈمچى - غۇلجا تاش يولىنىڭ قورغاس ناھىيىسى كۈرە بازىرىدىن ئۆتۈدىغان بۆلىكىدە دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:00 لەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ھازىرغا قەدەر 9 ئادەم ئۆلگەن. يەرلىك مەتبۇئاتلار 11 ئادەمنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ۋە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتناش ۋەقەسى، ئۈرۈمچىدىن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا ناھىيىسىگە قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئاپتوۋۇزى، قورغاس ناھىيىسى ئىچىدە كۈرە بازىرىدىن ئۆتىدىغان تاش يولغا كەلگەندە، غۇلجا تەرەپتىن كۆمۈر بېسىپ چىڭسىخوزا تەرەپكە ماڭغان بىر يۈك ماشىنىسىغا ئۇرۇلۇپ كېتىش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن.

ئۈرۈمچى نەنزىگو يولۇچىلار قاتناش پونكىتىدىكى خادىملار، ۋەقە يۈز بەرگەن ئاپتوۋۇز شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن يەكشەنبە كەچ سائەت 9:00 لاردا ئۈرۈمچىدىن نىلقا ناھىيىسىگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ۋە ئاپتۇۋۇزدا 40 نەپەر يولۇچى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆلگەنلار ئىچىدە ئىككى كىچىك بالا بار

بىز قورغاس ناھىيىلىك قاتناش ساقچى ئەترىتىگە تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئىگىللىمەكچى بولغان بولساقمۇ، لېكىن ساقچىلاردىن ۋەقە توغرىسىدا يىپ ئۇچى ئېلىش بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يەنە تەسكە توختىدى.

بىر قاتناش ساقچىسى ۋەقەنىڭ يەرلىك رادىئو - تېلېۋىزورلاردا خەۋەر قىلىنغانلىقىنى ۋە رادىئومىز خەۋەرگە ئېرىشمەكچى بولسا، شۇلاردىن ئىگىللىشىمىزنى تەكىتلىسە، يەنە بىر ساقچى ۋەقە توغرىسىدا قانائەتلىنەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى يىپ ئۇچلىرىنى بەردى.

ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىدارلارنىڭ كىملىكىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدىن نىلقىغا ماڭغان ساياھەتچىلەر، ئىشلەمچىلەر ياكى يەرلىك پۇقرالار ئىكەنلىكىنى سورىغان بولساقمۇ، يۇقىرىقى ساقچى بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى خالىمىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلار ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر نەپەر ئۇيغۇر بولۇشى مۈمكىن.

ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر، ۋەقەدە يولۇچىلار ئاپتۇۋۇزىنىڭ ماي بېكى يېرىلىپ كەتكەنلىكى ۋە ماي بېكىغا ئوت كېتىش ئىھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ، كىشىلەرنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن يىراقلاشتۇرغان ۋە تاش يولنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن بۇ بۆلۈكى بىر مەزگىل قاتناشقا تاقالغان.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلگەن 9 ئادەمنىڭ 7 ئەر 2 سى ئايال بولۇپ، بۇ 2 ئۆسمۈرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

يارىدارلارنىڭ بىر قىسىمى جىددى قۇتقۇزۇلىۋاتىدۇ

ۋەقەدە ئېغىر يارىلانغان 11 نەپەر يولۇچى ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى ھەر قايسى بالنىتسىلارغا يۆتكىگەن. مەزكۇر دوختۇرخانىسىنىڭ سۆڭەك بۆلۈمىدىكى ئىسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر دۇجورنى دوختۇر، قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغان 3 كىشى سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ بالنىتسىغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دوختۇر، " بىزنىڭ بالنىتسىدىكى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى يامان ئەمەس. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قولى ۋە لىپەكتىن يېنىك يارىلانغان. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقۇم، " دەيدۇ. لېكىن مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ سۈيدۈك يولى كېسەللىكلەر بالنىتسىدىكى خادىملارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يەردىكى يارىدارلارغا جىددى قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

مەزكۇر بۆلۈمنىڭ دۇجورنى دوختۇرى مۇخبىرىمىزغا " سىز بىزنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، بىز ھازىر يارىدارلارغا جىددى قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جىددى قۇتقۇزۇلىۋاتىدۇ، " دىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ھازىر ناھايىتى ئالدىراشلىقىنى بىلدۈرۈپ، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى خالىمىدى. قورغاس ناھىيىلىك قاتناش ساقچى ئەترىتىدىكى خادىملار قاتناش ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ۋەقەنىڭ چىقىش سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

رايوندىكى قاتناش قوراللىرى يۈكنى نورمىدىن كۆپ باسامدۇ ؟

خىتاي دۇنيا بويىچە ئەجەللىك قاتناش ۋەقەلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتناش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىش جەھەتتە خىتاي بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 2006 - يىلى 11 - ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاش يول قۇرۇلۇشىدىكى مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ، يەرلىك تاش يوللارنى ئاسراش ۋە كېڭەيتىشكە مەبلەغ يېتىشمەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ رايوندىكى قاتناش قوراللىرىدا نورمىدىن كۆپ يۈك قاچىلاش مەسىلىسى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا 2007 - يىلنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا خىتاي بويىچە 18 مىڭ ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەن. (ئەركىن)