خىتاينىڭ 2010 - يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى

خىتاي تور بەتلىرىنىڭ 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېۋىزور ۋە تېلېفۇن يىغىنى چاقىرىپ، مەملىكەت بويىچە 7 ئاي داۋاملىشىدىغان 2010 ‏- يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.06.14
7-iyul-kuni-at-beyge-mehellisida-tutulghan-yash-Uyghur-osmur-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA ﻣﯘﺷﺘﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىنفىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى، ئومۇميۈزلۈك  تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش پائالىيىتىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇشى،  ھەرخىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بۇ ئارقىلىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ھەم گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
 
بۇ قېتىمقى يىغىنغا پۈتۈن خىتايدىكى ج خ ئورگانلىرى قاتناشقان بولۇپ، 2010 - يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى  دائىرىسىدە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشتىن بەكرەك، سىياسىي جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن.
 
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە،  ئۇيغۇر ۋەتىنىدە 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن بۇيان، "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى چاقىرىقى بۇ رايۇننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.
 
د ئۇ ق  باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010 - يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ دەھشەتلىك بىر رەۋىشتە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن بۇيان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ خىل ناھەق قولغا ئېلىش، جازالاش ھەرىكەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش" شۇئارى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن تالان - تاراج سىياسىتىنى يولغا قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن "قوش تىللىق مائارىپ" چاقىرىقى ئاستىدىكى خىتاي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاسسىمىلىياتسىيە قەدىمىنى تىزلىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى ئىدىيىدىكى كىشىلەرنى ھەر خىل باھانە - سەۋەبلەر بىلەن يوقىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى نۇرمۇھەممەد روزاخۇن ئەپەندى، خىتاينىڭ 2010 - يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

مۇئاۋىن مىنىستىر جاڭ شىنفىڭنىڭ سۆزىگە ئاساسەن ئېيىتقاندا، 2010 - يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت مەركەزنىڭ قوماندانلىقىدا تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئىجرا قىلىنىدىكەن.

ئاساسلىق زەربە نىشانى پارتىيە - ھۆكۈمەتكە قارشى ۋەقەلەر، توپىلاڭلار، جەمئىيەتكە تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، خەلق ئاممىسىغا تەھدىت كەلتۈرۈۋاتقان ھادىسىلەر، زوراۋانلىق گۇرۇھلىرى قاتارلىقلار بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.