21-ئەسىر تۈركىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىنىڭ 11-چېسلادىكى خەۋىرىدە خىتاي پۈتۈن قازاق مەكتەپلىرىنى تاقىماقتا، تېمىلىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە، قازاقىستاننىڭ دۇنياغا داڭلىق يازغۇچىسى، شۇنداقلا قازاقىستان پارلامېنت ئەزاسى بولغان مۇختار شاخانوۋ پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە خىتايدىكى قازاق مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى، دەپ يېزىلغان.
خىتايدىكى قازاق مەكتەپلىرى خىتاي مەكتەپلىرىگە ئۆزگەرتىلدى
خەۋەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان: "مۇختار شاخانوۋ خىتايدا ھازىر 2 مىليون قازاقنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھازىر ئانا ۋەتىنى بولغان قازاقىستانغا قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى دېدى. ئۇلارنى قازاقىستانغا كېتىشكە مەجبۇر قىلىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى خىتايدىكى قازاق مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشقا باشلىغانلىقى ئىكەن. مۇختار شاخانوۋ سۆزىدە، خىتاي ھەم سىرتتا ھەم ئىچىدە سىياسىي ئۈستۈنلۈك ۋە بېسىمنى ئاساس قىلغان بىر سىياسەت ئېلىپ بارماقتا. خىتايدىكى قازاق مەكتەپلىرى خىتاي مەكتەپلىرىگە ئۆزگەرتىلىپ قازاق تىلى پەقەتلا بىر دەرس سۈپىتىدە ئوقۇتۇلۇشقا باشلاندى. بۇنىڭدىن قارىغاندا 15-20 يىل ئىچىدە قازاق ياشلىرى خىتايلىشىپ كېتىدۇ، » دېگەن.
بۇ خەۋەردە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: « بۈگۈن خىتايدا ياشاۋاتقان بۇ قازاقلار 1930- يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى يۈرگۈزگەن ۋە نەتىجىدە 3 مىليون قازاقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولغان ئاچ قويۇش' سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئانا يۇرتىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان قازاقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. قازاقىستاننىڭ سىرتىدىكى قازاقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇختار شاخانوۋ، بۇرۇن قازاقىستاننىڭ خىتايدىكى قازاقلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، ئەمما كېيىن خىتاي تەييارلىغان بىر شەرتنامىگە قول قويغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىكى قازاقلارغا ياردەم قىلىشنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ: 'مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ئۇ يەردىكى قازاق قېرىنداشلىرىمىزنى پىشۇرۇپ يېسىمۇ قازاقىستان خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشالمايدۇ،" دېگەن.
« ئۇلارنى قازاقىستانغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىش كېرەك »
مۇرات شاخانوۋ بۇنىڭ ئامالىنىڭ پەقەتلا بىر ئىكەنلىكىنى يەنى ئۇلارنى قازاقىستانغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما بۇنىڭدا قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى، چۈنكى قازاقىستاندا پارىخورلۇقنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزلىرىگە مۇھاجىر ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن بىر خەتنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن مۇختار شاخانوۋ : "خىتايدىن كەلگەن قازاق ئوقۇغۇچىلار بۇيەردە ئولتۇرۇش ئىجازەتنامىسى ئالماقچى بولغاندا ئۇلاردىن 100-500 دوللارغىچە پۇل تەلەپ قىلىنغان. بۇ خىل ئىشلار ئىنتايىن ئومۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ كۆچمەن بولۇپ كەلگەن قانداشلىرىمىزغا تۈرلۈك ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچرىماقتا، دېگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرگە چاقىرىق قىلغان. ئۇ يەنە، ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا خىتايدىن كەلگەن نۇرغۇن قازاقلارنىڭ تەكرار خىتايغا قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە رۇسىيە چېغىدا ھەل قىلغان بۇ مەسىلىنى ئۆزىمىز بىر قېرىنداش تۇرۇقلۇق ھەل قىلالمايۋاتىمىز،" دېگەن.
بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيىدىكى قازاقلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ھەممىگە مەلۇم، تۈركىيىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچمەن بولۇپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان قازاقلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان قازاق ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە قازاقلار قانداق قارايدۇ. بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بىز شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ سېكرىتارى ياقۇپ ئەپەندىمگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ بىر قازاق بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ھەرخىل يوللار بىلەن خىتايلارنىڭ بۇ خىل سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئاڭلىتىشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى : "بىز بۇنى ئەيىبلەيمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، قازاقلار بولسۇن، قىرغىزلار بولسۇن ھەممىسىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە بىز قارشى. بىر مىللەتنىڭ تىلىغا، دىنىغا، ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئارىلاشسا بولامدۇ؟ بىز پۈتۈن يىغىنلاردا، ماقالىلەردە، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز."
"تىل بولغاندا خەلق بولىدۇ، خەلق بولغاندا دۆلەت بولىدۇ"
پەلسەپە دوكتورى بولغان نۇرگۈل خانىم خىتاينىڭ قازاق مەكتەپلىرىنى تاقىۋېتىشىدىكى سەۋەبنىڭ قازاقلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: " تىل، بىر مىللەتنىڭ بار بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى. تىل بولغاندا خەلق بولىدۇ، خەلق بولغاندا دۆلەت بولىدۇ. شۇڭا بىر تىلنى يوقۇتىۋەتسە ئۇ خەلقمۇ يوق بولۇپ كېتىدۇ. مەن خىتايلار قازاقلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن قازاقچە مەكتەپلەرنى تاقاۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. قازاقىستان پارلامېنت ئەزاسى مۇختار شاخانوۋنىڭ قازاق پارلامېنتىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىزگە ئوخشاش چەت' ئەلدە ياشاۋاتقان قازاقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، چەت' ئەللەردە ياشاۋاتقان قازاقلار ۋە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقلىرىنى دەرھال بىلدۈرۈشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن." (ئەركىن تارىم)