3-نۆۋەتلىك دۇنيا قازاقلىرى قۇرۇلتىيى رەسمى باشلاندى

0:00 / 0:00

-ئاينىڭ 29-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك دۇنيا قازاقلىرى قۇرۇلتىيى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا رەسمى باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قازاقىستان دۆلەت باشلىقى نۇرسۇلتان نازاربايېف قىلغان. بۇ قۇرۇلتايغا 32 دۆلەتتىن كەلگەن كۆپ ساندا سىياسەتچىلەر، ئىلمىي خادىملار ۋە ئاۋام خەلقتىن تەركىپ تاپقان قازاق ۋەكىللەر شۇنداقلا ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەردىن ۋەكىللەر قاتناشقان.

قۇرۇلتاي ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم قۇرۇلتايغا تۈركىيىدىكى قازاقلارغا ۋاكالىتەن بېرىپ قاتنىشىۋاتقان پروفېسسور زەينەش ئىسمائىل ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردى.