قازاقىستان - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىلمەكتە

يېقىندا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى نۇرلان ئاققوشقاروف، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىكى سودا ئىقتىسادى ھەمكارلىقىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتدار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ن. ئاققوشقاروف بۇ قاراشلىرىنى قازاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى رۇسلان سۈلېيمېنوف بىلەن بولغان سۆھبىتىدە بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ
2010.10.14
Qazaqistan-Xitay-nefit-gaz-turubisi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺗﯘﺭﯗﺑﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاننىڭ سودا شېرىكلىرى تىزىمىدا خىتاي، ياۋروپا ھەمكارلىقى دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ ھەم بۇ جەرياندا قازاقىستاننىڭ تاشقى سودا مىقدارىدىكى خىتاينىڭ ئۈلۈشى 10 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ.

قازاقىستان ۋەكىلى ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار ئوبوروتىنىڭ 1999 - يىلدىن 2009 - يىلغىچە بولغان ئون يىل ئىچىدە 12 ھەسسە ئۆسۈپ، 14 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما دۇنياۋىي مالىيە كرىزىس زەرداۋىدىن بۇ كۆرسەتكۈچلەر تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ھازىر ئىككى دۆلەت سودا ئالاقىلىرىدا يەنىلا ئىلگىرىلەش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاي تاموژنىسىنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار، ئىيۇل ئايلىرىدا ئىككى تەرەپلىمىلىك تاۋار ئوبوروتىنىڭ 59،7 پىرسەنتكە ئۆسۈپ، 11،056 مىليارد دوللارنى، ئۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستان ئېكىسپورتىنىڭ 6،528 مىليارد دوللارنى، ئىمپورتنىڭ 4،798 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەسلىھەتچى شۇنداقلا بۇ جەرياندا ئىككى دۆلەت تاموژنىسىنىڭ ستاتىستىكا مەلۇماتلىرىدا چوڭ پەرقنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، قازاقىستان تاموژنىسى مەلۇماتلىرى بويىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئىككى تەرەپلىمىلىك تاۋار ئوبوروتى ئۆتكەنكى يىلنىڭ شۇ مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 6،196 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغان بولسا، خىتاي تەرەپ بۇ كۆرسەتكۈچنى 9،412 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بەرگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مەركىزىي تاموژنا خىزمەتلىرى ۋە چېگرىداش رايونلاردىكى تاموژنا ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا تاۋار نەرخلىرى بويىچە ئۆز ئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ھەم شۇنداقلا بىرلەشكەن تاموژنا كونترولى ۋە ئېلېكترونلۇق تاموژنا قۇرۇش چارىلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

سۆھبەت جەريانىدا ئۇلار چېگرىداش قازاقىستان ۋىلايەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. مەسلىھەتچى ن. ئاققوشقاروف قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كېلىپ مۇنداق دېگەن: "بىزنىڭ دۆلەتلىرىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدىكى شىنجاڭنىڭ ئۈلۈشى 50 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ. 2009 - يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاۋار ئوبوروتى 2008 - يىلغا قارىغاندا 24 پىرسەنتكە قىسقاردى ۋە 6،897 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلدى. 2010 - يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان تاشقى سودىسىدا 45،4 پىرسەنت ئۆسۈش يۈز بەردى ھەم 3،36 مىليارد دوللارغا يەتتى."

ئۇ خىتاينىڭ 1999 - يىلى جاكارلانغان غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ دىققەت مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈش مەسىلىلىرى بويىچە مۇشۇ يىلنىڭ ماي ئېيىدىكى مەخسۇس مەجلىسىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلەت كېڭىشى ئالدىنقى بەش يىل مابەينىدە غەربىي ئۆلكىلەر، شۇ جۈملىدىن شىنجاڭغا 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. ئۇ شۇنداقلا مەزكۇر مەجلىسنىڭ قەشقەر ۋە قورغاستا ئىككى مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش قارارىنى قوبۇل قىلغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف ئالماتا ۋىلايىتى پانفىلوپ ناھىيىسىنىڭ قورغاس يېزىسىدا سېلىنىۋاتقان خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىقى مەركىزىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدىن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى، بىرىنچى نوۋەتتە تاموژنا ئىتتىپاقى مەملىكەتلىرىگە چىقىۋاتقان خەلق ئىستىمال تاۋارلىرىنىڭ بېسىمى مۇشۇ قورغاس تاموژنا پونكىتىغا توغرا كېلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كۆزدە تۇتۇلماقتا. مەزكۇر مەركەزنى ئىشقا قوشۇش 2012 - يىلغا، ئەمدى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاياقلاشتۇرۇش 2018 - يىلىغا پىلانلانغان. زىيارەت مابەينىدا م. مەسىموف قورغاس مەركىزى شۇنداقلا 2012 - يىلى ئىشقا قوشۇش مەقسەت قىلىنىۋاتقان جېتىگېن - قورغاس تۆمۈر يول تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى بىلەن تونۇشقان ئىدى.

ن. ئاققوشقاروف قازاقىستاننىڭ خىتايغا ئاساسىي جەھەتتىن خام ئەشىيا، شۇ جۈملىدىن ئىشلەنمىگەن نېفىت، يېقىلغۇ ماي، مازۇت ئوخشاش مىنېرال مەھسۇلاتلىرىنىڭ، مېتال ۋە باشقىلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى خىتايدىن رەخ ۋە توقۇمچىلىق تاۋارلىرىنىڭ، ماشىنا، جابدۇق ۋە ئەسۋاپلارنىڭ، مېتال، خىمىيە سانائىتى، مىنېرال، كېرامىكا ۋە ئەينەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ، جاھاز ھەم سپورت تاۋارلىرىنىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشىلگەن شەرتنامىلەر بويىچە، خىتاينىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا سالغان مەبلەغ مىقدارىنىڭ ھازىر 13 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى، مويناق ھىدروئېلېكتىر ئىستانسىيىسى، ماڭغىشلاق، جامبۇل، شەرقىي قازاقىستان سېمېنت زاۋوتلىرى، ئاقتۆپە ئېلېكتىر مېتاللۇرگىيە زاۋۇتى، قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق يىگىرمە لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.