ئاتاقلىق قازاق يازغۇچىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئارزۇسى ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىدى(1)


2006.08.16

ھاجى غۇمار شابدان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتاقلىق قازاق يازغۇچىسى. ھاجى غۇمار شاندان ھازىر 82 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ 82 يىلىنىڭ يېرىمىنى يەنى 41 يىلىنى كوممۇنىست خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدا ، قاراڭغۇ زىندان - تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن.

ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلغان قازاق خەلقىنىڭ بۇ ئاقساقال يازغۇچىسى، قازاقسىتان پرېزىدېنتى قاتارلىق قازاق رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ ،قازاقىستانغا قايتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر ھازىرغىچە ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاپ بېرىلمىگەن. يېقىندا بۇ مەسىلە قازاقسىتان مەتبۇئاتىدا مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىدى ھەمدە قازاقىستاندا چىقىدىغان ياش ئالاش گېزىتىدە بۇ ھەقتە بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

بۇ ھەقتە قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئاساسىدا تەييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.