قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار روزا ھېيتىنى كېلەچەككە چوڭ ئۈمىدتە كۈتۈۋالدى

30-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار پۈتكۈل دۇنيانىڭ مۇسۇلمان ئەھلى بىلەن بىرلىكتە روزا ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.08.31
Istanbulda-Roza-Heyt-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 9 ‏‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺧﭙﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺭﻭﺯﺍ ﻫﯧﻴﺘﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

روزا ھېيت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دىنىي بايراملار ۋە ئەنئەنىلەر ئىلگىرى، يەنى كوممۇنىستىك سوۋېت ھاكىمىيىتى دەۋرىدە قاتتىق چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەنئەنىلەرگە ئەمەل قىلغانلار بولسا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەقىب قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ بېزىلەر روزا تۇتۇش، ناماز ئۆتەش ئوخشاش دىنىي خاسىيەتلەرنى يوشۇرۇن تۈردە يۈرگۈزۈپ كەلگەن. ھازىر، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن مۇستەقىل قازاقىستاندا ئولتۇراقلاشقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىدىكى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشتا ھەم ئۇلارنى ئاتاپ ئۆتۈشتە ئەركىنچىلىككە ئىگە بولدى.

ئالماتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ جايلاشقان سۇلتان قورغان، زاريا ۋوستوكا، گورنىي گىگانت، دوستلۇق قاتارلىق مەھەللىلەرنىڭ مەسچىتلىرىدە ئوقۇلغان ھېيت نامىزىدىن كېيىن خەلق، ياشلار تۈگەپ كەتكەن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ، يۇرتداشلىرىنىڭ قەبرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى. دىققەتكە سازاۋەر نەرسە شۇكى، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار بۇ بايرامنى خۇش كەيپىياتتا، خاتىرجەملىكتە ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە سىياسىي بېسىملار، دىنىي چەكلىمىلەر ئاستىدا ياشاۋاتقان ھەم ئۆز ئىزگۈ نىيەتلىرىنى ئوچۇق ئىزھار قىلىشتىن مەھرۇم بولۇۋاتقان، ئۆتمۈشتە ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا تارقىلىش مەركىزى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرىدىن ئەنسىرىمەكتە، شۇنداقلا ئۆز دۇئالىرىدا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش يولىدا شېھىت بولغانلارغىمۇ ھۆرمەت بىلدۈرمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى مەھەممەتجان ئاكا قادىروف روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.