قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى


2007.05.25

چارشەنبە كۈنى، قازاقىستان دۆلەت پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. بۇ قانۇن ئىسلاھاتىغا قارىتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ قازاقىستاننى " توغرا يۈزلىنىشكە" ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سېئان مككورماكك: "قازاقىستان بىز زور ئۈمىد كۈتۈۋاتقان دۆلەت شۇنداقلا بىز قازاقىستان بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتىمىز. ئۇلاردا ئىنتايىن مول يوشۇرۇن كۇچ بار. ئۇلارنىڭ دېموكراتىك سىياسىي ئىسلاھاتنى زۆرۈر دەپ بىلگەنلىكى ئىنتايىن مۇھىم" دەيدۇ.

ئۆزگىرىشلەرنىڭ نېگىزلىك تەرەپلىرى

ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكى تەرەپلەردە نېگىزلىك ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، بۇلار ئاساسەن: بۇندىن كىيىن سايلىنىدىغان پرېزىدېنتلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5 يىل بولۇش، پارلامىنتقا پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى چەكلەپ تۇرۇش ھوقۇقى بېرىش، قازاقىستان دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ سانى ئەسلىدىكى 77 دىن 107 گە كۆپەيتىش، دۆلەت مەجلىسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىردىن ۋەكىلى بولۇش، رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەئىس، ۋالى‏، ھاكىملىرىنى شۇ رايوندىكى خەلق سايلاپ چىقىش قاتارلىقلار.

قانۇن ئىسلاھاتى قازاقىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ

مەلۇم بولۇشىچە، ئاساسي قانۇندىكى يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەر قازاقىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە جۈملىدىن قازاقىستاندىكى 5 - چوڭ مىللەت ئۇيغۇرلارنىمۇ مۇناسىپ سىياسىي ھوقۇق بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

بۇ ھەقتە ھازىر قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەكىلى، قەھرىمان غوجامبەردى ئوز پىكىرلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن بۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەم ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنىڭ قازاقىستاندا ئەركىن قانات يېيىشىنىمۇ قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.

قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى تەشكىلاتلار يەنىلا نارازى

ھالبۇكى، سەيشەنبە كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىف ئۆزىنى مەڭگۈلۈك پرېزىدېنت دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 23 - ماي كۈنى قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بولات ئابىلوۋ " ھەتتا پادىشاھلاردىمۇ بۇنچە ھوقۇق يوق" دەپ نۇر سۇلتان نەزەربايىفنىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.

قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى تەشكىلات سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى جارماخان تۇياباي، "بۇ ئۆزگىرىشلەر خەلققە پەقەت 10 پىرسەنت دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىدۇ" دېدى.

ھازىر قازاقىستاندىكى باشقا ئۆكتىچىلەر ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىشىگە قارشى كېلەر ھەپتە نامايىش قىلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

ئەمما، نەزەربايىفنى قوللىغۇچىلار، ئۆتكەن يىلى ئىقتىسادنىڭ يەنە 10 پىرسەنت ئۆرلىگەنلىكىنى مىسال قىلىشىپ نەزەربايىفنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ھوقۇق تۇتۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.