قەھرىمان غوجامبەردى : رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى
2008.02.13
قازاقىستان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان مەملىكەت. بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى بىر قەدەر ياخشى ساقلانغان بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي كۈرەشلىرى ۋە مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمما، 1995-يىلى "شاڭخەي بەشلىكى" تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، قازاقىستان بىلەن خىتاي يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىنى پەيدىن-پەي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق دەرىجىسىگە كۆتۈردى.
د ئۇ ق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارغا ئاستانا دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك سىياسىي تۈس ئالغان پائالىيەتلىرىنى قامال ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مەزگىل كۈچەيگەن پائالىيەت دولقۇنلىرىنىڭ بىراز پەسىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ئارىسىدا ئۆز - ئارا بېقىنماسلىق كەيپىياتلىرى پەيدا بولغانلىقى، لېكىن، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندىن بۇيان غەرب دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەمدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ ئۇنى پراگادا قوبۇل قىلىشى قاتارلىق كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ئىلھام ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ د ئۇ ق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇراجىتى قازاقىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى
- ئالماتادا ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى
- ئۇيغۇر ئالىم كاممونار تالىپنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئالمائاتادا ئۆتكۈزۈلدى
- سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نامايەندىسى ئابدۇللا روزى باقېيىف توغرىسىدا سۆھبەت (1)
- ئالماتادا نەشر قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا " ناملىق كىتابتا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ (3)
- ئالماتادا نەشر قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا" ناملىق كىتاب كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
- ئۇيغۇر خەلق مۇزىكا دۇردانىلىرى" خەلقارا مېدالغا ئېرىشتى
- قورام مەھەللىسىدىكى ساۋۇت ئاخۇنۇم مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى
- خىتاي دۆلەت بايرىمى توغرىسىدا قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن سۆھبەت
- خىتاينىڭ قاتتىق ئويۇنى ۋە يۇمشاق سىڭىپ كىرىشى
- داڭلىق سەنئەتكار مۇرات ئەخمىدى سىياسىي سەھنىدە
- قازاقىستان بىلەن خىتاي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكچى بولدى
- ۋەتەن زىيارىتىدىن كېيىنكى ئاچچىق ھىسلار (1)
- بۇ ئۆمەك قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟
- ئۆكتىچىلەر قازاقىستان ساقچى دائىرلىرىنى خىتاينىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلماسلىققا چاقىردى









