قازاقىستاندا جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇلۇشى قانۇنلۇقمۇ؟

قازاقىستان تۈرمىسىدە قاماق مۇددىتى توشقان ئەزىز تۇرسۇنتاي قازاقىستان ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئاپىرىۋېتىلىشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


1971 - يىلى غۇلجىدا تۇغۇلۇپ، كېيىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا تىجارەت قىلغان ئەزىز تۇرسۇنتاينىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئۇ 2000 - يىلى ئالماتادا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن قازاق ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئامىنە تۇرغۇنوۋا ئەزىز تۇرسۇنتاينىڭ سوتىغا بىۋاستە قاتناشقان بولۇپ، ئەزىز تۇرسۇنتاي توقۇنۇشتا ساقچىلارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى ئۈچۈن تېررورچى سۈپىتىدە تۇتۇلۇپ، كېسىم ئېلان قىلىنغان. تېخى يېڭىلا ئۆيلەنگەن ئەزىز تۇرسۇنتاينىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلغان. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ خىل ئەھۋاللارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىگە يەتكۈزۈپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ. ئۇنداقتا قانۇنغا خىلاپ تۇرۇغلۇق قازاقىستان ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ ؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇلارنى توسۇپ قالالمىدىمۇ؟ د ئۇ ق قازاقىستاندا خەۋپ ئاستىدا ياشاۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچى دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ قازاقىستان ئاشكارا ھالدا 50 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، يوشۇرۇن قايتۇرۇلغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

ئەزىز تۇرسۇنتاي بىر نەچچە نۆۋەت باشقا تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن ۋە جازا مۇددىتى ئاخىرىلاشقۇچە قازاقىستاننىڭ جامبۇل ۋىلايىتىنىڭ تاراز شەھىرىگە جايلاشقان ZD - 158 - 4 نومۇرلۇق تۈرمىگە قامالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت