مەسۇمجان زۇلپىخاروف ۋە شايىم شابايېفنىڭ كىتابلىرى دۆلەت مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىندى
2006.04.21
21 – ئاپرىل كۈنى ئالماتىدىكى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا قازاقىستاندىكى قازاق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىر يىللىق خىزمەتلىرى خۇلاسىلاندى.
قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا، ئاتاقلىق يازغۇچى، دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ ئۆتتى ۋە مەسۇمجان زۇلپىخاروف ۋە شايىم شابايېفنىڭ كىتابلىرىنى قازاقىستان دۆلەت مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلدى.
مەزكۇر يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن ئالماتىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا ئەخمەتجان ھاشىرى قاتارلىق ئەدىپلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
©
2006 Radio Free Asia