قازاقىستاندا ئويغانغان ئۇيغۇر روھى (1)

قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە، شەۋكەت تىياتىرى تەرىپىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان كۈچلۈك مىللىي روھقا ئىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە بولغان ئىنكاسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ، يېقىندىن بۇيان مەزكۇر كېچىلىكنى تور بەتلەر ئارقىلىق كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010.08.20
Nime-qilduq-weten-uchun-naxsha-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻰ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎﺩﺍ ﺷﻪﯞﻛﻪﺕ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺧﯘﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ" ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ "ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ" ﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﺎﺩﯨﻠﻪ ﺯﻩﻳﻨﯩﺎﺑﺪﯗﻟﻨﯩﯔ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
http://www.azatliq.net دىن ئېلىندى.

تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنى ئويغىتىشقا سەۋەب بولۇۋاتقان بۇ كېچىلىك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشىپ، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۈر سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ئەڭ ئاساسلىق رول ئوينىغان كېچىلىك رېژىسسورى، يەنى ئالماتادىكى شەۋكەت تىياتىرىنىڭ قۇرغۇچىسى شەۋكەت نەزەروف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئالماتا، ياركەنت شەھەرلىرى ۋە ئەتراپىتىكى يېزا، كەنتلەرگە مەركەزلەشكەن، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرىسى سىرتىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى، مەدەنىيەت - سەنئىتىنى ئەڭ مۇكەممەل ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر توپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ تالانت ئىگىلىرى، ھەر ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن، شۆھرەت قۇچقۇچىلار بار، ئۇلار قازاقىستان جەمئىيىتىلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۆھپىلەر يارىتىپ كەلگەن ھەم ياراتماقتا.
 
ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سىلكىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق قىرغىنچىلىقى ئۇلارنى غەزەپكە كەلتۈردى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى خەلقىنىڭ ئازابلىرى ئۇلارنى قايغۇغا چۆمدۈردى. يەنە بىر مۇھىم تەرىپى ئۇلاردىكى يوشۇرۇن ئۇيغۇر روھى ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ئويغاتتى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى نامايىش، يىغىلىشلار، نەزىر ‏- چىراقلار، تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ 5 - ئىيۇلدا ئانا ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىققا قارشىلىقىنى ئىپادىلىدى.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەنى2009 - يىلى ئۆكتەبىردە شەۋكەت تىياتىرى تەرىپىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان "خۇش كەيپىيات" سەنئەت كېچىلىكىنى بۇنىڭ بىر نامايەندىسى دېيىش مۇمكىن. شۇنداقلا بۇ كېچىلىك قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۆلەتتە ئۆز مەدەنىيەت سەنئەتلىرىنى تەرەققى ئەتكۈزۈشتە ئەۋزەل شارائىتلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىدىن بىر قەدەم ئۇزاقلىقتىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى يورۇتتى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياش تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئورۇندىغان ساپ ئۇيغۇر مىللىي روھىغا ئىگە سەنئەت نومۇرلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا زور ئىسسىتىك زوق بېغىشلاپلا قالماي، ئۇلارنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چېكىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتلىرىنى، مىللىي روھىنى سىلىماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.