
ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 38-قېتىملىق ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناسى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى شەرق تارىخى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دىمىترىي ۋاسىلىيېف ئۆزىنىڭ قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر يېزىقى يادىگارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى يېڭى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پروفېسسور ۋاسىلىيېف ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئەنقەرە شۆبىسىنى مەخسۇس زىيارەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر ئورخۇن دەۋرىنى تەتقىق قىلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
تۇۋادا 16 قەدىمىي ئۇيغۇر شەھىرى ساقلىنىپ قالغان
دىمىترىي ۋاسىلىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى مەبلەغ ئاجرىتىپ، تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى تېرە-خول كۆلىگە جايلاشقان قەدىمكى ئۇيغۇر "پور-باجىن" قەلئەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان، مەزكۇر قەلئەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن چوڭ كۆلەملىك بىر ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇنىڭغا موسكۋا ۋە تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىملىرى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلغان. دىمىترىي ۋاسىلىيېف مۇنداق دېدى:" -8ئەسىردە ئۇيغۇرلار جەنۇبىي سىبىرىيىگە كىرىشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا قەدىمىي ئۇيغۇر قاغانلىقى دۆلىتى قۇرۇلدى. ئۇيغۇرلار ئۇ ۋاقىتتا شىمالغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ھازىرقى تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇپراقلىرىغا كەلگەن. شۇڭا ھازىر سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىدا قەدىمىي ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەيكەللەرنى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدە 16 ئۇيغۇر قەلئەسى ساقلىنىپ قالغان. بۇ قەلئەلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ دىققەت تارتىدىغىنى پور - باجىن قەلئەسى يەنى پاتقاقلىق قەلئەدۇر. بۇ قەلئە دېڭىز يۈزىدىن 2300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىق ئىچىگە جايلاشقان كۆلنىڭ ئوتتۇرسىغا بىنا قىلىنغان."
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسى تۇۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تېرە-خول كۆلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كەڭلىكى 211 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 240 مېتىر كېلىدۇ. قەلئە سېپىلى ۋە باشقا خارابىلار بىر ئاز ياخشى ساقلىنىپ قالغان.
ئۇيغۇر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رۇسىيە مەبلەغ سالغان
ۋاسىلىيېف بۇ قەلئەنىڭ 8-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر قاغانلىقىغا تەۋە، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مويۇنچۇر تەرىپىدىن تەخمىنەن 746- 759-يىللىرى ئەتراپىدا قۇرۇلغانلىقىنى، قىرغىزلار بىلەن بولغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:"بۇ يىلدىن ئېتىبارەن ئۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ ھىمايىسى ۋە ياردىمى بىلەن چوڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارخېئولوگلار. بۇ قېزىپ تەكشۈرۈش ئىشىنى تەكلىپ قىلغان كىشى بولسا بىزنىڭ دۆلەت مىنىستىرىمىز سېرگىي شوۋگۇ. ئۇ كىشى تۇۋالىق بولغاچقا ئۆزلىرىگە ئائىت نەرسىلەرنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ."
دىمىترىي ۋاسىلىيېف رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا باشتىن ئاخىرى رەھبەرلىك قىلىشقا ھەم تەتقىقاتقا قاتناشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ قەلئەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە رۇسىيە دۆلەت باشلىقى پۇتىنمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: "8- ئايدا بىزنىڭ جۇمھۇر رەئىسىمىز پۇتىن بىزنى زىيارەت قىلدى. ئۇ يەردىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. موناكو جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىمۇ كەلدى. ئۇنىڭ سىرتىدا رۇسىيىدىكى مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئالاھىدە قىزىقىپ بۇ قېزىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەرگە كېلىپ بىزنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ."
پروفېسسور دىمىترىي ۋاسىلىيېف مويۇنچۇر قاغاننىڭ مەزكۇر شەھىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن رۇسىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىتيىگە قىزىقىش دولقۇنى قوزغىلىدىغانلىقىنى، ھازىر كۆپلىگەن سىياسىيونلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ۋاسىلىيېف كىم ؟
60 ياشلىق پروفېسسور دوكتور دمىترىي ۋاسىلىيېف كۆپلىگەن كىتابلارنىڭ ئاپتورىدۇر. ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىلى بۇيىچە خەلقئارا تۈركولوگىيە ساھەسىگە تونۇلغان ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە تۈركىيە ئاتا تۈرك مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۇچىسى بولغان . ھازىر رۇسىيە شەرقشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئۇ بۇ قېتىمقى 38- قېتىملىق ئاسىيا-شىمالىي ئافرىقا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رۇسىيە تەرەپتىن تەيىنلەنگەن رەھبىرىي ئەزاسىدۇر.
ۋاسىلىيېف يېقىندا يەنە ، تۇۋا ۋە خاكاسىيە قاتارلىق جايلاردىن 9 پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىگە ئائىت تاش پۈتۈكلەرنى تاپقان بولۇپ، ئۇ پات يېقىندا بۇلارنى ئوقۇپ چىقىپ، ئىلىم ساھەسىگە ئېلان قىلماقچى ئىكەن. (ئۈمىدۋار)