خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەھرىمان غوجامبەردىنى ئەيىپلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتايغا ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەرلىرى توشولىدىغان تۈگۈن قىلىپ كۆرسىتىپ ، يەنە شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردىنى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىپلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ ، ئۇزۇن يىل قەھرىمان ئەپەندى بىلەن سىياسىي پائالىيەتلەردە بىرگە بولغان ئىتتىپاق گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى شەمشىدىن ئابدۇرېيىموف ئەپەندى قىرغىزىستاندىكى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگىمۇ سىياسىي سۈيقەست قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.