شۋېتسىيىدە خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنى قۇرۇش تەييارلىق كومىتېتىنىڭ يىغىنى چاقىرلىدى

0:00 / 0:00

22 - يانۋار كۈنىدىن 25 - يانۋار كۈنىگىچە شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھرىدە خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنى قۇرۇش تەييارلىق كومىتېتىنىڭ يىغىنى چاقىرلىدى. يىغىنغا كانادا، بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە شۋېتسىيىدىن يىغىلغان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنى قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسى ۋە كەلگۈسىدىكى خىزمەت پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن ئاخىردا سالايلام ئۆتكۈزىلىپ، تەييارلىق كومىتىتىڭ رەھبەرلىك ئاپىراتلىرى سايلاپ چىقىلدى. بىلگىيەدىن كەلگەن ۋەكىل مەمتىمىن ئەلا تەييارلىق كومىتىتىنىڭ رەسى، كانادادىن كەلگەن ۋەكىل غولام ھاجى بىلەن گېرمانيەدىن كەلگەن ۋەكىل ئەنۋەر ئۆمەر ماۋۇن رەئىس، قەيسەر ئابدۇرۇسۇل باش كاتىپ، ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى باش تەپتىش بولۇپ سايلاندى. يىغىندىن كىيىن تەييارلىق كومىتىتىنىڭ باش كاتىبى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل بىلەن ماۋۇن رەئىس غولام ھاجى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ خەلقارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ۋە تەييارلىق كومىتىتىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەردى.

ئەسلىدە خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قۇرۇشنى مەرھۇم كۆرەش كۆسەن ئەپەندى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلىگەن خىزمەت بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىگە كېرەك بولغان ماتېرىياللارنى تەييارلاشقا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن ئىدى.