خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى خىتاينى سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ھەر قايسى ئەللەردىكى يازغۇچىلارنىڭ پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكى، دوستلۇقى ۋە ئەقلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان دۇنياۋىي يازغۇچىلار تەشكىلاتى شۇنداقلا ب د ت ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشىگە مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان خەلقئارا ئاممىۋىي تەشكىلاتتۇر. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر بولسا مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۇيغۇر شۆبىسىنى قۇرۇش تەييارلىقىنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ تەشكىلات يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. خەلقئار قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بۇ خەتنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى خىتاي يازغۇچىلارنىڭ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ خوڭكوڭدا چاقىرىلغان يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان.

خىتاي دائىرىلىرى قەلەمكەشلەرنىڭ خوڭكوڭدا بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكى شۇنداقلا ئەدەبىياتنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىنى ئەسكەرتىدىغان تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى يازغۇچىلار تەشكىلاتىدۇر. مەزكۇر تەشكىلات بۇ ئاينىڭ باشلىرى خوڭكوڭدا 4 كۈنلۈك ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى يىغىنىنى چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر جەمئىيەتكە ئەزا خىتاي يازغۇچىلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى چەكلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى يىغىنغا قاتناشماقچى بولغان يازغۇچىلارنى يىغىنغا قاتناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ياكى ئۇلارغا خوڭكوڭغا بارىدىغان يول خېتىنى بېرىشنى رەت قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سىياسىتى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى شۇنداقلا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جۇھاننا ئاكمان خانىمنىڭ چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، خىتايدا يازغۇچىلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى تەكىتلىشىگە سەۋەبچى بولدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خوڭكوڭدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان. ئۇ خەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يازغۇچىلارنى يىغىنغا قاتناشماسلىققا ئاگاھلاندۇرغانلىقى ياكى خوڭكوڭغا بېرىش ۋىزىسى بەرمىگەنلىكى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنى بىئارام قىلماقتا، دەپ يازغان. ئۇ، يەنە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى شۇنداقلا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەركىنلىك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كەلمەكتە، بولۇپمۇ يېقىندا يۈز بەرگەن كىتاب چەكلەش ۋەقەسى بۇنىڭ بىر مىسالى، دەپ تەكىتلىگەن.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئاكمان، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە دائىر ماددىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يولدا تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 1921 - يىلى لوندوندا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەنگىلىيىلىك جون گالزۋورتىي ۋە داۋسون سكوت خانىم مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پرېزىدېنتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، بۇ جەمئىيەت "شائىرلار، دراماتورگلار، ئوبزورچىلار ۋە رومانچىلار" نى ئاساس قىلغان يازغۇچىلار تەشكىلاتى ئىدى. لېكىن ھازىر بۇ ئورگان ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىنى خۇسۇسەن ئاخباراتچىلار ۋە تارىخچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شۇنداقلا ب د ت ئىجتىمائىي - ئىقتىسادى كېڭىشىگە مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن دۇنياۋى خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى مەدەنىيەت تەشكىلاتى بولۇپ قالدى. تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىدا بۇ ئورگاننىڭ مەقسىدىنى "ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئەدەبىياتنىڭ رولىنى ئەسكەرتىش، ئىپادە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، پىكىر چۈشەنچىسى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، تۈرمىگە تاشلانغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن يازغۇچىلارنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىش" دەپ تەكىتلىگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كومىتېتى تەييارلىغان تىزىملىككە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يازغۇچى ئابدۇللا جامالنىڭ، تارىخشۇناس توختى مۇزئات ۋە ئاخباراتچى ئابدۇغېنى مەمتىمىنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.

خىتاي يازغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ خىتاي يازغۇچىلار شۆبىسى ھېسابلىنىدىغان جۇڭگو مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدىكى جاڭ يۈي، خوڭكوڭدىكى يىغىنغا قاتنىشالمىغان بەزى خىتاي يازغۇچىلارنىڭ ئەرز قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي يازغۇچى جاۋ داگۇڭ، خوڭكوڭدىكى يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئۆكتىچى خىتاي يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنى چېگرىدىن چىقارمايدىغان ئەھۋاللار خىتاي پۇقرالىرى " ئادەتلىنىپ قالغان ئىشلار " لېكىن، ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن تەرتىپنى ئىجرا قىلسىمۇ، لېكىن چوقۇم قانۇن بۇيىچە ئىش قىلىش كېرەك " دەيدۇ.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى يىغىنىغا قاتنىشالمىغان خىتاي يازغۇچىلارنىڭ بىرى ليۇ شۈيچى، " پۇقرالارنىڭ چېگرىدىن كىرىش ۋە چىقىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى " دىگەن تېمىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە چېگرىدىن كىرىش - چىقىش ئەركىنلىكى بار، دەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرىدىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدە چەتئەلگە چىقسا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان 5 خىل كىشىلەرنىڭ چېگرىدىن چىقىشى چەكلەنگەن. (ئەركىن)