شىۋېتسىيىدە تۇرىۋاتقان بەختىگۇل ئابدۇرېھىم خانىم 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 20 - كۈنلىرىگىچە فىنلاندىيىنىڭ ھېلسىنكى شەھىرىدە ئېچىلغان دۇنيا ئايال قەلەمكەشلەر يىغىنىغا قاتناشتى. تۈنۈگۈن، بەختىگۇل خانىم دۇنيا ئايال قەلەمكەشلەر يىغىنىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزمۇنلار، ئۇيغۇرچە ئوبرازلار ۋە قەلەمكەشلەرنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلىرى ھەققىدىكى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەپ سۆلەپ بەرگەن ئىدى.
بەختىگۇل ئابدۇرېھىم خانىم بۈگۈنكى بايانىدا، ئۆزىنىڭ شۋېتسىيىدىكى ھازىرقى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ بەختىگۇل ئابدۇرېھىم خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىز.