قەشقەرنىڭ ئوبرازى ئۆزگەرتىلمەكتە

0:00 / 0:00
qeshqer-mao-200.jpg
2005 – يىلى 27 – مارت كۈنى ئىككى ئۇيغۇر قەشقەر شەھىرىدە ماۋ زېدوننىڭ ھەيكىلى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ھەيكەل ماۋ زېدوڭنىڭ خىتايدىكى ھەيكەللىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭى. AFP

قەشقەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان، قەدىمىي گۈزەل ماكان. تارىختا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىي، مائارىپ، ئىقتىسادىي مەركىزى ھەم پايتەختى بولغان. قەشقەر يەنە مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئاماننىساخان، سۇتۇق بۇغراخان قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ، ئالىملىرىنى، بۈيۈك مۇزىكانت سەنئەتكارلىرىنى، مىللىي قەھرىمانلىرىنى يېتىشتۈرگەن ماكان.

قەشقەر ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر شەھەر

شۇنداقلا قەشقەر قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، شەھەر مەدەنىيىتىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرى بەرپا بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەقىل پاراسىتى ھەم كۈچ - قۇدرىتىگە تايىنىپ بۇ ماكاننى گۈزەل ھەم باي بىر دىيارغا ئايلاندۇرغان.

قەشقە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆيۈملۈك تارىخىي، مەدەنىي بىر ماكان بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككىمۇ ئىگە، يەنى قەشقەر ۋىلايىتى ھىندىستان، پاكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ھەم ئافغانىستان قاتارلىق بەش دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئەۋزەللىكلىرى بىلەن قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولىنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولۇپ كەلگەچكە سودا -سانائىتىمۇ بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان.

قەشقەر دىيارىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 162 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتىدە خىتاينىڭ بەرگەن ستاتىستىكىسى بويىچە 90% كۆپرەك ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن قەشقەرنىڭ نوپۇسى ئۈچ يېرىم مىليوندىن ئاشىدۇ. قەشقەر دىيارى مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ گۈلتاجى ئاتالغان ھەم تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا تارىختا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭمۇ قەشقەرىيە نامى بىلەن ئاتالغان دەۋرلىرى بار. بۇ جەھەتتە قەشقەرنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر مۇھىم ئوبرازى دىيىشكە بولىدۇ. قەشقەرنىڭ ئوبرازىمۇ ئۇيغۇرلۇق ئالاھىدىلىكى بىلەن، ئۇيغۇرلار بىلەن شەكىللەنگەن ئەلۋەتتە.

قەشقەرنىڭ شەھەر ئوبرازى ئۆزگەرتىلمەكتە

قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ گۈزەل مەدەنىيىتى، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن قەشقەر نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ زەربىسىدە زور ئۆزگىرىشلەر ياساۋاتقان بولۇپ، قەشقەر ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنىڭ تەبىئىي ھەم جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بۇ قەدىمىي ماكاننى غەربىي رايوندىكى شېنجىنغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

نۆۋەتتە قەدىمىي قەشقەر دىيارى شېنجىنلىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى، مەدەنىيتىنىڭ بەلگىلىرى بولغان قەدىمىي بىناكارلىق يادىكارلىقلىرى چېقىلىپ ئورنىغا، ئىگىز- ئىگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇرلار ئاتا بوۋىسىدىن تارتىپ ماكانلىشىپ كەلگەن قورو جايلىرىدىن كۆچۈرۈلمەكتە، خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان تاشيول ھەم پويىز قاتنىشى قەشقەرنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىنى سىرتلارغا توشۇشتىن باشقا، قەشقەرگە خىتاي نوپۇسىنى كۆپلەپ يۆتكەش رولىنى ئوينىماقتا. ۋاھاكازالار.

قەشقەرنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇشنىڭ شەرتى نىمە؟

قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر ئوبرازلىق شەھىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بارغانچە يوقۇتىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى تەشۋىقات قىلىش ئۈچۈن يېقىندا، "قەشقەر ئوبراز ئەلچىسى" نى تاللاش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان.

قەشقەر تورى 10 - ئاۋغۇست كۈنى گۈلنار ھامۇت بىلەن زۇمرەت مەمەت ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ "ئوبراز ئەلچىلىرى" شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئاخبارات كەسپىنىڭ 2 ‏- يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلنار ھامۇتنىڭ، كىچىكىدىن خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە ئىشتىياق باغلىغانلىقى، ۋە ھازىرغىچە نۇرغۇن خىتاي دوست تۇتقانلىقى، شۇڭا خىتاي تىلىدا سۆزلەشكە ئىنتايىن ماھىر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ "قەشقەر ئوبراز ئەلچىسى" شەرىپىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

دېمەك قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا ۋەكىل بولۇش ئۈچۈن خىتاي تىلىنى پىششىق بىلىشنىڭ شەرت قىلىنغانلىقى خۇددى يېقىندا ئىلىدا خىتاي تىلى بوغۇنلىرى تاللىغاندەكلا ناھايىتى غەيرى ھەم مەنتىقىسىز تۇيۇلماقتا.

چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر زىياليلىرى "قەشقەر ئوبراز ئەلچىسى" نىمۇ خىتاي تىلى بىلىشنى شەرت قىلىپ تاللاشنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر ئوچۇق ئاشكارا گەۋدىلىنىشى دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.

بۇ ھەقتە ئۇزۇن يىل قەشقەردە ياشاپ ھەم خىزمەت قىلغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شاۋكەت ئەپەندى، قەشقەرنىڭ مۇھىم ئورنى ھەم خىتاينىڭ قەشقەرنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىشتە نېمىنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.