قەشقەرنىڭ قەدىمىي شەھەر قۇرۇلۇشى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆزگەرتىلمەكتە
2006.09.01

قەشقەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان، قەدىمىي ۋە مەدەنىي سموۋللۇق شەھىرى بولۇپلا قالماي ئۇ پاكىستان ، ئافغانىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ھەمدە ھىندىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي ھەمدە سىياسىي ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جاي.
شىنجىنلىشىۋاتقان قەشقەردىكى ئۆزگۈرۈشلەر
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەردە خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ شەھەر قىياپىتى، نوپۇس ئالاھىدىلىكى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى ھەتتا ئېكولوگىيىسىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى.قەشقەرنىڭ ئەسلىدىكى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ، سىموۋوللۇققا ئىگە قەدىمىي بىناكارلىقى، بازارلىرى ، ئۆزگىچە گىرەلەشكەن تەبىئىي مەنزىرىلىرى ئاستا- ئاستا زامانىۋىلېشىشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ يوق قىلىنماقتا. -1999 يىلى -6 ئايدا قەشقەرگە خىتاي ئۆلكىسىدىن بىۋاستە تۆمۈر يولىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن خىتاي نوپۇسى قەشقەرگە يەنىمۇ شىددەت بىلەن ئاقتى . بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى قەشقەرنى " غەربىي دىيارىدىكى شىنجىن" قىلىپ قۇرۇپ چىقىش" پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ھەمدە ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى جىددى ئېلىپ بارماقتا.
تەبىئىي سېستىما پەۋقۇلئاددە نوپۇسنى سىغدۇرالمىدى
قەشقەردىن ئىگە بولغان مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا ،نوپۇسنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى بىلەن نەچچە يۈز يىل ھەتتا نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى مەسىلە كۆرۈلمىگەن قەشقەرنىڭ كېرەكسىز سۇ ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەبىئىي سىستېمىسىمۇ رولىنى يوقاتتى. گەرچە قەشقەردە سۇ تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغىنى 30 يىللار بولغان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر كېرەكسىز سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى ھەل بولمىغان ئىدى. بۇ قۇرۇلۇش -2005 يىلىدىن باشلاپ -2010يىلىغا قەدەر بولغان ،قەشقەرنىڭ -10 بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن كېيىن ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، كېرەكسىز سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى تېخى بۇ يازدا رەسمى ئىشقا كىرىشتى.
يەنى -2006 يىلى -5 ئايدىن باشلاپ قەشقەر شەھەر ئاھالىسىنىڭ كېرەكسىز سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشى باشلىنىپ بەزى جايلاردا يۈرۈشلەشتۈرۈلدى. گەرچە بۇ قۇرۇلۇش قەشقەر خەلقى ئۈچۈن شەھەر قىياپىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم قۇرۇلۇش بولسىمۇ ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئەسلىدىكى قەدىمىي بىناكارلىق ئىزنالىرىنى بۇزۇش ھەمدە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كوچا بازارلارنىڭ ۋەيران قىلىنىش بەدىلىگە مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە قەشقەر خەلقىنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئىگە بولماقتىمىز.
قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدا قەشقەرنىڭ ئاساسىي ئەسلەھەر قۇرۇلۇشى ھەققىدە جۈمە كۈنى بېرىلگەن خەۋەردە " بولۇپمۇ قەشقەر كونا شەھەر رايونلىرىدا ئۆيلەر ئۆزئارا گىرەلەشكەن، قۇرۇلۇش ئاساسەن لاي كېسەكلەردە سېلىنغان قەدىمىي ئۆيلەر بولغاچقا يەر ئاستى كېرەكسىز سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى جەريانىدا بەلگىلىك بوشاش ۋە بۇزۇلۇشىدىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن" دەپ كۆرسىتىلگەن . قەشقەر شەھرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئايال نۆۋەتتە قەشقەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە تۇرۇبا كولاش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ بۇنىڭ بىلەن يەرلىك شەھەر خەلقىنىڭ نۇرغۇن ئۆيلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاساسىي ئەسلىھەلەر خەلقنىڭ بەدىلىگە مەيدانغا كەلمەكتە
قەشقەر ھۆكۈمەت قەشقەر شەھرىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا 3مىليارت 600مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەھەر ئاھالىسىدىن مەجبۇرى ھالدا 400يۈەندىن پۇل ئالماقتا ئىكەن.
خەلقنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئۇلار زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى. (گۈلچېھرە)
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى باشلانغان ھامان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا كىرىشكەن
- قەشقەرنىڭ ئوبرازى ئۆزگەرتىلمەكتە
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى 6 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟
- قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان زىيارەت ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى كىملەرگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟(2)
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى كىملەرگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟(1)
- غەربتىن ئالتۇن يۆتكەش ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئوقۇتقۇچىلىق ئالاھىدە پروگراممىسى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- 55 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى غەربىي رايونغا بېرىشقا ھازىرلانماقتا
- ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر خەلقارالىق چوڭ شەھەر بولالامدۇ؟