قەشقەردىكى مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ ئۆي چېقىشقا بولغان ئىنكاسلىرى

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىدىكى كونا ئۆيلەرنى چېقىپ، شەھەردە كەڭ - كۆلەملىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دائىرىلەر بۇنىڭغا 3 مىليارد دوللار ئاجراتقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-04-06
Share
Qeshqer-konaSheher-kochiliri-305 قەشقەر كونا شەھەر كوچىلىرى.
RFA Photo

قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ئاق ئوردا ۋە ئۆستەڭ بويى ئالدى بىلەن چېقىلىدىغان رايونلار ئىدى. لېكىن قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت سېپىدىكى بەزى زاتلاردا قەشقەرنىڭ ھازىرقى مىللى خاسلىقى يېقىن كەلگۈسىدە پۈتۈنلەي غايىپ بولامدۇ؟ دېگەن ئەندىشە بار.

قەشقەر شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت سېپىدىكى بىر زات رادىئومىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قايغۇلىرىنى بايان قىلدى.

بىز يەنە قەشقەرنىڭ ساياھەت سېپىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بېرىپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قەشقەرنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە سۆزلەشتۇق. قەشقەر ساياھەت سېپىدىكى بىر زات بەزى تارىخىي جايلارنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، قەشقەرنىڭ مىللى قىياپىتىنىڭ ئاستا - ئاستا غايىپ بولمايدىغانلىقىغا كاپالەت يوقلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىشتا ھازىرقى بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىدامسىز، خەتەرلىك، ئەۋرەز سۇيى ماڭىدىغان تۇرۇبا يولى يوقلىقى، تاساددىپىي ۋەقەلەردە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ تار كوچىلارغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت