قەشقەر يامانيار يېزىسىدا خىتاينىڭ 3 ئامانلىق خادىمى ئۆلتۈرۈلدى

بۈگۈن ئەتىگەن قەشقەردە يەنە ۋەقە چىقتى. ۋەقەدە يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا يول تەكشۈرۈۋاتقان خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا، 3 نەپەر ئامانلىق خادىمى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. بىر نەپىرى يارىلاندۇرۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.12
qeshqer-saqchi-charlash-305 ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo

 بۇ خەۋەر بۈگۈن ئەتىگەن ئەڭ دەسلەپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئاپتوموبىل بىلەن كەلگەن بىر ياكى بىر گۇرۇپپا كىشى، يامانيار يېزىسىدىكى يول تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشۈپ خىتاي ئامانلىق خادىملىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان. 3 نەپىرىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، غايىپ بولغان. رويتېرىس قاتارلىق چەتئەل ئاخباراتلىرى، قەشقەرگە تېلېفون قىلغاندا، ساقچىلار ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما تەپسىلاتىنى بىلدۈرمىگەن.

نۆۋەتتىكى خەۋەرلەردە ۋەقەنىڭ ۋاقتى ھەققىدە پەرقلىق مەلۇماتلار مەۋجۇت، بەزى مەنبەلەر ۋەقەنى كېچە سائەت 2 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن دەپ كۆرسەتسە يەنە بەزى مەنبەلەر، ئەتىگەن سائەت 7 دەپ بىلدۈرمەكتە. بىز يامانيار يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، پونكىت باشلىقى ئۆزىنىڭ يارىدارنى ئەتىگەندە دوختۇرخانىغا ئاپارغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ۋەقەنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. بۇ ئەھۋال ۋەقەنىڭ كېچە سائەت 2 ئەتراپىدا يۈز بېرىپ، ئەتىگەن سائەت 7 لەردە بايقالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى قوراللىق بولۇپ، ئۇلار قورالىنى ئىشلىتىشكە ئۈلگۈرمىگەن. رويتېرىسقا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن، يېڭى شەھەر ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۇرسۇنجان ئىسىملىك بىر ساقچى خادىمى، ۋەقەدە يارىلانغان ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئۈستىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇ ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن، ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەردە ھۇجۇمچىلارنىڭ سانى ۋە كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق. ئەمما ۋەقەدىكى ئۆلۈك ۋە يارىدار سانى ھۇجۇمچىلارنىڭ يالغۇز كىشى ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، 4 ‏-ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى، 10 ‏-ئاۋغۇست كۇچا ۋەقەسى ۋە بۈگۈن يۈز بەرگەن يامانيار ۋەقەسى ئارىسىدا باغلىنىش بار ‏-يوقلۇقىغا دىققەت قىلماقتا. تۈنۈگۈن كۇچا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، كۇچا ۋەقەسى بىلەن سەمەن يولى ۋەقەسى ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر پاكىت بايقالمىغانلىقىنى، ۋەقەنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەسئۇل خادىم يەنە 10 ‏- ئاۋغۇست كۇچا ۋەقەسىدىكى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ كۇچادىن، يەنە بىرقىسمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
 
يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بۇ ئۈچ چوڭ ۋەقە، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە "جاسارەتلىك ھۇجۇملار" دەپ ئاتىلىپ، بۇ ھۇجۇملارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك پۇرسىتىدە دۇنياغا سىگنال بېرىشى دەپ بايان قىلىندى. نۆۋەتتىكى بۇ ۋەقەلەردە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسى ھۇجۇم نىشان بولۇشى خەلقئارا خەۋەرلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.