'قەشقەر يەرمەنكىسى' مەزگىلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى

"26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى" ھەم "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى يېقىنلاشقان كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 28 - ئىيۇن ئېچىلىدىغان " قەشقەر يەرمەنكىسى" مەزگىلىدە، يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى دەلىللىدى.

"قەشقەر ھۆكۈمەت تورى" دىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، ئۆتكەن ھەپتە شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە قاراشلىق ھەرقايسى تارماق بۆلۈملەر ۋە ساقچىخانا باشلىقلىرىغا جىددىي يىغىن چاقىرىپ، 2010 - يىلى ئېچىلىدىغان، "قەشقەر جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى"نىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۈگۈن قەشقەر تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەپتىدىن بۇيان كوچىلاردا چارلاش ئېلىپ بارىدىغان قوراللىق ساقچىلار كۆپەيتىلىپ، پۇقرالارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قەشقەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى بايان قىلدى.

"قەشقەر ھۆكۈمەت تورى" كۆرسىتىشىچە، 28 - ئىيۇن قەشقەردە ئېچىلغان يىغىندا يەنە " قەشقەر يەرمەنكىسى"نىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 6 خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭدا، "كوچا - كويلاردا، جامائەت سورۇنلىرىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان سىياسىي ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش. ئوت كېتىش قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش. قىمار ئويناش، پاھىشىۋازلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش. ئۆي ئىجارە ئالغانلار ۋە كۆچمە نوپۇسلارنى ئېنىقلاش. مۇھىم يول ئېغىزلىرىدا ئادەم توپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. ساقچىلارنىڭ خىزمەت بېجىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلارغا قاتتىق چارە كۆرۈش" قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ناھىيىلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن.

خىتاي ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 6 ‏ - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن7 ‏ - ئاينىڭ 20 ‏ - كۈنىگىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە بىر ئايلىق " مۇقىملىقنى قوغداش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئۇقتۇرۇشتا، ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە، ئىدارە - جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەردىن ئۆز تەۋەسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى ھەمدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرگە قارىتا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت